ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى جۇلاسى
2016- يىللىق نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلارجەمئىيىتىنىڭ 31- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى (شەنبە)ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى خۇڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا تەنتەنىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مەمۇرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى، دوكتۇر نىياز كېرىم شەرقى ئەپەندى قاتارلىق يولداشلار مۇھىم سۆز قىلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مىللىتىمىزنىڭ يېزىق بايلىقلىرىدىن زور ئىستېتىك زوققا ئىگە بولدى، ھەم بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ياراتقان سەنئەتكارلارغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. چۈشتىن كېيىن مەخسۇس خەتتاتلىق مۇھاكىمە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ياسىن مۇخبۇل ، مۇھەممەت ئىسمايىل ، ئىمىنجان ئابدۇرېھىم قاتارلىق يولداشلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئائىت قىممەتلىك تەتقىقات پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.20- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە خەتتاتلىقنى مەكتەپكە ، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، خەتتاتلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيتىنىڭ مىراسى خەتتاتلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئەجداتلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ ، خەتتاتلىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەنىۋىي بايلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولدى، ھەر بىر يىغىن قاتناشقۇچىلىرى چوڭقۇر تەسىرات ۋە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەسىرى ۋە تەرەققىياتى يۇقىرى بولماقتا. ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ گۇللەندۈرۈش ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغۇسى! بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى60 قا يېقىن خەتتاتنىڭ 100پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىن خەت ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە 23- مارتقىچە داۋاملىشىدۇ. تۇرسۇن ئەكرەم خەۋىرى، فوتۇسى
|