ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ؟
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: باھار ئايلىرى كىرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنى 21-مارت ئۈرۈمچى قۇياش نۇرىغا تويۇنغان باھارنىڭ ئىللىق بىر كۈنىنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن تورداشلار دوستلار چەمبىرىكىدە «سالام كۆك ئاسمان، خەيرى-خۇش قويۇق تۇمان» دېگەن يازمىلارنى يوللىدى. ئەمدىلا كىشىلەر بىلەن خوشلاشقان قىشتىكى قىسقىغىنا تۆت ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 84 كۈن تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، 60 يىلدىن بۇيانقى ئېكسترېمۇم قىممەت يارىتىلدى. دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بولسا تۇمانلىق كۈن سانى 99 كۈنگە يەتكەن. 21-مارت، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى «3.23» دۇنيا مېتېئورلوگىيە كۈنى تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىنى چاقىردى. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسىلىرى كۆپچىلىككە ئوخشىمىغان تۈردىكى ئادەتتىكى تۇمانلىق ھاۋارايى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ئەتىگەن ۋە كەچ قويۇق تۇمان كۆرۈلۈپ چۈشتە تۇمان تارايدۇ. يانفونلاردا ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق دەپ كۆرسىتىلگەن ئەمما ئايرودۇرۇمغا يېتىپ بارغاندا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلاپ ئايروپىلانلار ئۇچۇشقا ئامالىسز قالغان. شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارلىقى پەقەت 20 كىلومېتىر كېلىدىغان دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا شەھەر رايونى بىلەن ئوخشىمىغان ھاۋارايى يۈز بېرىدۇ؟ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە مەركىزىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر تەن يۇەنمېينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بىر شەھەردىكى ئىككى رايوندا تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەر شەكلى ئامىلى ئىكەن. دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يەر شەكلى ئويمانلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى شەھەر رايونىغا سېلىشتۇرغاندا 300 مېتىر تۆۋەن ئىكەن. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاسانلا توپلىشىپ تۆۋەنگە توپلىشىپ چۆكۈۋېلىپ كۈچلۈك بولغان تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدىكەن. شۇڭا ئايرودۇرۇمنىڭ شىمالى قىسىمى شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون بولغاچقا، تۇمان شامال كۈچىنىڭ تەسىرىگە يولۇققاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ئىچكىرلەپ كىرىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەر رايونى دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز بولغاچقا تۇمانلىق ھاۋارايى تەستە شەھەر رايونىغا ھوجۇم قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا ئايرودۇرۇمدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن.
|