ئۇيغۇر يىگىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى نۇرلاندۇردى
كىشىلەر بەس – بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئىمزا قويدۇرۇپ، خاتىرە قالدۇرماقتا. 21 – مارت خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا خەبەر ئەخمەت چېنجۇ شەھىرى ئاھالىسى ۋە تاراتقۇلارنىڭ نەزەرىدىكى ‹‹چولپان››غا ئايلاندى. شىنجاڭدىن چېنجۇغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىت ھايات – ماماتلىق ھالقىلىق پەيتتە جاندىن ئۆتكۈدەك مۇزدەك سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم تارقاتتى. جاۋ شيا چېنجۇدا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار بىر ئائىلە كىشلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ خەبەر ئەخمەت بۇ يىل 31 ياش بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىدىن. 2005 – يىلى ئۇ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ‹‹ئورمانلىقتىكى شەھەر›› دېگەن نامى بار چېنجۇغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن، ھازىر ئۇ چېنجۇدىكى ‹‹ئابلاجان›› كاۋاپچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە كاۋاپچىلىق قىلىدۇ. خەبەر چېنجۇ شەھىرى قارىمىقىدىكى زىشىڭ شەھىرى دۇڭجياڭ كوچىسى بىرىكمە كۈچ ماشىنا زاۋۇتى مەھەللىسىدە ئىككى پەرزەنتى ۋە خوتۇنى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. خەبەر بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا خەنزۇ تىلىنى بىلمەسلىك، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قوشنىلار بىلەن ئانچە قويۇق ئارىلىشىپ كېتەلمىگەنىدى. خەبەر كۆپچىلىكتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال سوراپ، ئۇلارغا سالام بېرىپ تۇردى. 52 ياشلىق شى شياخۈي خەبەرنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى بولۇپ، خەبەر ئۇنى كۆرگەندە دائىم قىزغىنلىق بىلەن ‹‹ھەدە ياخشىمۇسىز؟›› دەپ ئەھۋال سورايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپچىلىك بۇ يىگىت بىلەن ئاستا – ئاستا تونۇشتى. خەبەرنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق قەھرىمانلىق ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، شى شياخۈي: ‹‹شۇ بالىمىكىن دېگەنىدىم، پەرىزىم توغرا ئىكەن›› دېدى. شى شياخۈي خەبەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەبەر باشقىلارغا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان يىگىت، مەن نەرسە – كېرەكلىرىمنى يۆتكىيەلمىسەم دائىم ئۇنى ياردەمگە چاقىرىمەن؛ خەبەر پالەچ قوشنىسىغا دائىم ياردەم قىلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ‹‹ھايات لېي فېڭ››. ‹‹شىنجاڭلىق ئەزىمەت››، ‹‹شىنجاڭلىق ھايات لېي فېڭ›› ... قوشنىلارنىڭ نەزەرىدە خەبەر دائىم ئۈن – تىنسىز ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان يىگىت. بۇ مەھەللىدىكى تاڭ شيەنيۈ ھاياجانلانغان ھالدا: بۇلتۇر 3 – ئايدا مەھەللىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر قانچە توخۇسى يوقاپ كەتكەندە خەبەر كېچىلىك چارلاش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، كۈندە كەچتە كاۋاپچىلىق قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، كېچە بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، مەھەللىنى بىر ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ چىقتى، دېدى. مۇخبىر 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مەھەللىگە كىرگەندە، يېڭىدىن ياسالغان بىر سېمونت يول ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ‹‹بۇ يول 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى پۈتكەن، بۇ يولنى خەبەر ۋە ئۇنىڭ شىركىتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار پۇل چىقىرىپ ياساپ بەرگەن!›› دېدى تاڭ شيەنيۈ. كۆپ يىل ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا، خەبەر ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى بىلەن ئۇرۇق – تۇغقاندەك چىقىشىپ كەتتى. قوشنىسى شى شياخۈي خەبەرگە خەنزۇچە ئۆگىتىپ قويدى. خەبەر كاۋاپچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن سەھەر چىقىپ كەچ قايتاتتى، ئائىلىسىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، قوشنىلىرى ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قوياتتى. ‹‹چېنجۇ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم›› دېدى خەبەر ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇ تىلىدا مىننەتدارلىق بىلەن. ‹‹ھەممىمىز شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلالايمىز›› خەبەرنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بۇ ئۇنىڭدا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا باي يۈرەكنىڭ بولغانلىقىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە ‹‹ئابلاجان›› كاۋاپچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكىلەرنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. كۆپ يىللاردىن بۇيان ‹‹باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش›› دېگەن شوئار شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مىزانىدا قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىنغان. مەزكۇر شىركەت چېنجۇدا ئىگىلىك تىكلىگەن ئون نەچچە يىلدا ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر خەير – ساخاۋەت، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن 200مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل ئىئانە قىلدى، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، چىڭخەي يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتلەردە ھەممىدىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. 2008 – يىلى چېنجۇدىكى مۇز تۇتۇش ئاپىتىدە، پۈتكۈل چېنجۇ شەھىرىدە يېرىم ئاي سۇ، توك توختاپ، ئاپتوموبىللار بېيجىڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا تۇرۇپ قالغان خەتەرلىك پەيتتە، ئۇيغۇر قېرىنداشلار شوپۇرلارغا نان ۋە كاۋاپ ئاپىرىپ بەردى. 2009 – يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ شىركەت ھەر يىلى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا شوپۇرلارنى يېمەكلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. بۇ يىل 1 – ئاينىڭ بېشىدا خەبەرنىڭ ئۈچ خىزمەتدىشىمۇ چېنجۇدىكى بېيخۇ باغچىسىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى... خەبەر مۇنداق دېدى: بىر ئادەمنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ خەتەر ئىچىدە قىينىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرالمايمەن، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەزمەن قۇتقۇزىمەن. شىركەت مەسئۇللىرى ئادەتتە بىزگە بۇ ھەقتە كۆپ تەربىيە بېرىدۇ. قىسقىغىنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ‹‹ئابلاجان›› كاۋاپچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر چېنجۇدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزدى، شىركەت دىرېكتورى باتۇر بۇ ئىشتىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تەقدىرلەش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن شىركەت 1 – ئايدا ئادەم قۇتقۇزغان بۇ ئۈچ ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرگەنىدى، بۇ قېتىم يەنە خەبەرنى 2000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپ، بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. باتۇر مۇنداق دېدى: ياخشى ئادەم ۋە ياخشى ئىش خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ، ھەممىمىز ئۇلاردىن ئۆگەنسەك، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولغان بولاتتى. خەبەر مەيلى ئىچكىرى ئۆلكىدە ياكى شىنجاڭدا بولسۇن، ھەر قانداق شىنجاڭلىقنىڭ ئەمەلىي ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى دەلىللىدى. ‹‹شىنجاڭ روھى›› ئىككى جايدىكى خەلقنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى ‹‹تېلېۋىزوردىن ئۆزۈمنى كۆردۈم، دوستلىرىممۇ تېلېۋىزوردىن مېنى كۆرۈپ، ماڭا تېلېفون قىلىپ، ياخشى قىپسەن، دەپ مېنى ماختىدى، بۇ ماختاشلاردىن سەل ئوڭايسىزلاندىم››، خەبەر بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا يۈزى قىزىرىپ كەتتى. ئۇدا يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خەبەر بىلەن يەنە بىر خەنزۇ قېرىندىشىنىڭ خەتەرگە قارىماي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغانلىقى خۇنەن ۋە شىنجاڭدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنلاڭ، تېڭشۈن، سوخۇ، ۋاڭيى قاتارلىق چوڭ تور بېكەتلىرى بۇ ئىشنى بەس – بەستە خەۋەر قىلدى، تورداشلارمۇ بەس – بەستە قوللىدى؛ ‹‹ئۇلارنىڭ قەلبى گۈزەل!››، ‹‹خەبەر يېنىمىزدىكى ھايات لېي فېڭ››، ‹‹ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز››. چېنجۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر خەبەرگە تېلېفون قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، يەنە بىر قىسىم ئاھالىلەر ‹‹قەھرىمان››نى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ كاۋاپخانىسىغا باردى. شىنجاڭلىق تورداش ‹‹كىچىك باي››: ھەممەيلەن ياخشى ئىش قىلسا، جاھان تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەتتى. خەبەرنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەتراپىمىزدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يورۇتساق، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ئائىلىسى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي بولاتتى، دېدى. چېنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى مىللەتلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ كەيسەي: خەبەر خەتەرلىك پەيتتە جان پىدالىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يېڭى دەۋردىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى نامايان قىلدى، دېدى. جەنۇبىي خۇنەن ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى تىڭ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىككى ياش بىرلىكتە ئادەم قۇتقۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر – بىرىگە ياردەم بېرىش روھىنى نامايان قىلدى، مەنمۇ خەبەردىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاسرايمەن. 21 – مارت ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹چېنجۇ شەھىرىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى››نى تەقدىرلەش يىغىنىدا چېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يى پېڭفېي خەبەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: كونىلاردا ‹‹قەلبىگە پۈكۈلسە يۈكسەك ئادالەت، خەتەردە بىلىنەر ھەقىقىي مۇھەببەت›› دېگەن گەپ بار. خەبەرنىڭ بۇ ياخشى ئىشى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، سەمىمىي، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. خەبەرنى تەقدىرلەش ئارقىلىق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.
|