- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 703
- نادىر
- 1
- يازما
- 95

- تۆھپە
- 105
- مۇنبەر پۇلى
- 318
- ئىشەنىچ
- 105
| جاۋ شيا خەۋەر قىلىدۇ: بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كاستۇم – بۇرۇلكا كىيگەن، چېنجۇدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق خەبەر ئەخمەت چېنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چىراغ نۇرى چاقناپ تۇرغان زالىدا تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدى. 21 – مارت خەبەر بىلەن جۇ زوخۇڭ ‹‹چېنجۇ شەھىرىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەخلاق نەمۇنىچىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. مۇشۇ دەقىقىدە خەبەر ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتاتتى. ‹‹چېنجۇ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، مەن ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم›› دېدى ئۇ. خەبەرنىڭ ئاددىي – ساددا بۇ سۆزىگە نەق مەيداندىكى كىشىلەر قايتا – قايتا ئالقىش ياڭراتتى. خەبەر مۇنداق دېدى: چېنجۇغا كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا 11 يىل بولدى، يېڭى كەلگىنىمدە خەنزۇچىنى بىلمەيتتىم، ھازىر بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا چېنجۇ خەلقى ماڭا ئىللىق قۇچىقىنى ئاچتى. مەن شەرەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن. خەبەر ئېيتقان بۇ ‹‹كىچىك ئىش›› يېرىم ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن. 7 – مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا، خەبەر چېنجۇ شەھىرى گاۋيىلىڭ مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا كاۋاپ سېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى. ھايات – ماماتلىق پەيتتە خەبەر چېنجۇلۇق خەنزۇ يىگىت بىلەن بىللە خەتەرگە قارىماي چوڭقۇرلۇقى 20 نەچچە مېتىر كېلىدىغان كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇيغۇر – خەنزۇ قېرىنداشنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئادەم قۇتقۇزغانلىقى ئالاقە تورى، تاراتقۇلاردا توختىماي خەۋەر قىلىندى. 12 – مارت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پىروگراممىسىدىمۇ بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، خەبەرنىڭ جىسمىدىكى ئىتتىپاقلىلىشىش – ئۆزىنى بېغىشلاش، تىرىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك شىنجاڭ روھى كەڭ تارقالدى. شۇ كۈنى چېنجۇ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن ‹‹چېنجۇ شەھىرىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى››نى تەقدىرلەش يىغىنىنى مەركەز شۇنداقلا يەرلىكتىكى 27 تاراتقۇ خەۋەر قىلىپ، خەبەرنىڭ تىرىشچان، ئاق كۆڭۈل ئالىيجاناب پەزىلىتىنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە تارقىتىپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇردى. تەقدىرلەش يىغىنىدا چېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يى پېڭفېي شەھەردىكى كادىر، ئاممىغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: خەبەر ھالقىلىق پەيتتە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، ئۇ بىز چېنجۇلىقلارنىڭ پەخرى، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، ئورتاق بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپلا قالماي، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، شەھىرىمىزدە خەبەر ۋە جۇ زوخۇڭدىن ئىبارەت ئىككى ئەخلاق نەمۇنىچىسىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك قەھرىمانلىق ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق شەھىرىمىز خەلقىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا يەنىمۇ غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىنى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|