تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2359|ئىنكاس: 0

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋەزىيىتى مۆلچەرى، فون...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
43
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-23 10:43:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋەزىيىتى مۆلچەرى، فوندستېرلىڭ %10 چۈشۈشى مۇمكىن
خېشۈن تاشقى پېرېۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

Barclays ئانالىزچىسى Philippe Gudin ۋە Moyeen Islam دۈشەنبە كۈنى (21-مارت) دىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە 23-ئىيۇندىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلسا، بۇ فوندستېرلىڭنىڭ چۈشۈش كۆلىمىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋە ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بەلكىم فوندستېرلىڭنىڭ %10 ئەتراپىدا چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەزكۇر بانكا تەسۋىرلىگەن ئاساسىي ۋەزىيەت مۆلچەرى- ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلسا ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى بۇ يىل 8-ئاي ۋە 11-ئايدا ئۆسۈم كېمەيتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش تەدبىرلىرى ۋە نىشانلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز قايتۇرۇش پىلانى (FLS) ئارقىلىق پۇل بازىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مەنپىي قىممەتكە قەدەم ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
مەزكۇر بانكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى بايانلاردىكى ھەرىكەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدە يۈزلىنىدىغان تۇراقسىز ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،  ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىشى بەلكىم 2012-يىلدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرى جىددىيلىكى ئەھۋالىنىڭ تەكرارلانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىياتىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
مەزكۇر بانكا يەنە ياۋرو رايونى بازىرىنىڭ داۋالغۇش ۋە تۇراقسىزلىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە تەبىئىيلا ئەمدى قايسى دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى مۇمكىن دېگەن سوئال پەيدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
مەزكۇر بانكا يەنە 2016-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىش ۋە قەرز شەرتىنى قويۇۋىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى، مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىش مۇددىتىنىڭ 2017-يىل 3-ئايدىن كېيىنگە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇق زايومى سېتىۋېلىشقا چىقىرىدىغان مەبلەغ ئاساسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى قارارلىق ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانلىق قايتا مەبلەغ سېلىش پىلانى (TLTRO-2) مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)




20151126114247_87922.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:41, Processed in 0.130060 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش