بېلگىيەدىكى پارتلاش پۇل مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇن ئۆسۈپ، نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى خۇيتوڭ تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى سەيشەنبە كۈنى (22-مارت) ياۋروپا بازىرى ۋاقىت بۆلىكىدە بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېل ئايرودۇرۇمىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بازاردىكى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئۆرلەپ كەتتى، ئامېرىكا دوللىرى كۈندىلىك يۇقىرى نۇقتا 95.67 نى يېڭىلىدى، ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا كۆپ قىسىم پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى چۈشۈپ كەتتى، ياپونىيە يىنىلا بۇ تەسىرگە ئۇچرىماي ئامان قالدى. ئالتۇن قىسقا ئارىلىقتا 10 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1260 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. ئامېرىكا نېفىت قەرەللىك مېلى كىچىك كۆلەمدە چۈشتى. بېلگىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە (22-مارت) تاڭ سەھەردە (بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە چۈشتىن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ) مەزكۇر دۆلەت پايتەختى بېريۇسسېل Zaventem ئايرودۇرۇمىدا ئىككى قېتىملىق پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى، ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە 100 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان. ئوخشاش ۋاقىتتا بېلگىيە رادىئوسى بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگىنىغا يېقىن بىر مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاتتى. سىرتقى تاراتقۇلار بېلگىيەنىڭ بارلىق مېترو بېكەتلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بېلگىيەدىكى پارتلاش بىردىنلا بازاردىكى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى ئۆرلىتىۋەتتى. ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇللار ئىچىدە ياپونىيە يىنىلا تۆۋەنلەشتىن ئامان قالدى. ئالتۇن قىسقا ئارىلىقتا 10 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1260 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. ئامېرىكا نېفىت قەرەللىك مېلى كىچىك كۆلەمدە چۈشتى. EURUSD قىسقا ئارىلىقتا 30 نۇقتىدىن كۆپرەك چۈشۈپ، چۈشۈش كۆلىمى %0.45 گە يېتىپ، كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتا 1.1190 نى يېڭىلىدى. GBPUSD قىسقا ئارىلىقتا 40 نۇقتا چۈشۈپ، چۈشۈش كۆلىمى %0.80 گە يېتىپ، كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتا 1.4260 نى يېڭىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا فوندستېرلىڭنىڭ چۈشۈشىدە يەنە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئەندىشىسىنىڭ تەسىرىمۇ بار. USDJPY قىسقا ئارىلىقتا 40 نۇقتا چۈشۈپ، چۈشۈش كۆلىمى %0.50 گە يېتىپ، كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتا 111.39 نى يېڭىلىدى. نەق مال ئالتۇن قىسقا ئارىلىقتا 10 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، 1260 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. ئۆسۈش كۆلىمى %1.33 گە يەتتى. ئامېرىكا نېفىت قەرەللىك مېلى 0.3 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، چۈشۈش كۆلىمى %0.50 گە يېتىپ، كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتا 41.30 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيەسىنى يېڭىلىدى.
|