«لوقمان دوختۇرخانىسى ئوقۇش مۇكاپاتى فوندى» تەسىس قىلىندى
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىن شىنجاڭ تېببىي پەنلەرئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا قوبۇل قىلىنغانلار بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ
شىنجاڭ «لوقمان»دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «لوقمان دوختۇرخانىسى ئوقۇش مۇكاپاتى فوندى» نى باشلاش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كىيىن قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «لوقمان» دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
داڭلىق تىببىي پەنلەر ئالىمى ، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر بىلەن شىنجاڭ «لوقمان» دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق شىنجاڭ تېببىي پەنلەرئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىرىنى مۇكاپاتلاش فوندىنى باشلاش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. ھەمدە نەق مەيداندا شىنجاڭ «لوقمان»دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق 100 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ چېكىنى خالمۇرات غوپۇرغاتاپشۇردى. كېلىشىمنىڭ ۋاقتى ئۈچ يىل بولۇپ ھەر يىلى شىنجاڭ «لوقمان» دوختۇرخانىسى100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ خوتەن،قەشقەر،قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىن شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلايدۇ. شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىن ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، ياخشى تەربىيەلەشكە ،ئەلالىرىنى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم شىنجاڭ «لوقمان» دوختۇرخانىسىدىكى 500 دىن ئارتۇق تىببىي خادىم بۇ تارىخىي مۇھىم ئىشقا شاھىت بولدى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كىيىن خالمۇرات غوپۇر قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم جۈرئەت مەتسىيىتىنىڭ ھەمراھلىقىدا لوقمان دوختۇرخانىسىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھازىر جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ساغلاملىق شەھەرچىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ لوقمان دوختۇرخانىسىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ «لوقمان»دوختۇرخانىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ئابلەت ئىمىن مۇنداق دېدى:« جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مەلۇماتلىق تېببىي خادىملار كەمچىل، بىز جەنۇبىي شىنجاڭغا بولۇپمۇ خوتەنگە ئالىي مەلۇماتلىق تېببىي خادىملارنى كۆپرەك تەربىيەلەش ئۈچۈن شىنجاڭ تېببىي پەنلەرئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن بىر يىل كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇھەمكارلىق كېلىشىمىنى روياپقا چىقاردۇق. بىز بۇنىڭدىن كىيىن بۇ خەيىرلىك ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،رايونىمىزغا مۇنەۋۋەر تېببىي خادىملارنى كۆپرەك يىتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇمىز.»
سۈرەتتە:خالمۇرات غوپۇر بىلەن خەبەر خالىق ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويماقتا.
سۈرەتتە:كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش 
سۈرەتتە: خالمۇرات غوپۇر لوقمان دوختۇرخانىسىنى كۆزدىن كۆچۈرمەكتە. غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى,فوتوسى (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
|