تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1453|ئىنكاس: 2

بالىلارمۇ سۆزلىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

5

دوست

1468

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
644
مۇنبەر پۇلى
757
ئىشەنىچ
644
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 17:06:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئېرەن ياپرىقىغا مەدھىيە» ھەققىدە مۇشائىرە

ئۇرۇمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 6-سىنىپ كوللىكتېپى

يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

1.تەبىئىلىك نۇقتىسىدىن:

تولىمۇ گۈزەلكەن ئېرەن ياپرىقى،  (گۈلمىرە-14ياش)
مەپتۇن قىلدى ئۆزىگە مېنى.(ئالىيە-14ياش)
جەلپ قىلار توق قىزىللىقى،(دىلدار-14ياش)
ياپرىقى قىزىل گويا ئاناردەك.(تاھىر-14ياش)
گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئۇنىڭ ھۆسنىگە،(ئۆمەر-15ياش)
كۈن نۇرىغا تولدى ئۇنىڭ جامالى.(ئالىم ياقۇپ-15ياش)
قىنىپ كەلگەچ قۇياش مېھرىگە.
كۆرگىسى كېلەر سىغىنغانسىرى،(ئەزھەر-15ياش)
جىلۋە قىلار ئۇنىڭ روخسارى.(مەرھابا-15ياش)
قىزىللىقى ئۆزگىچە ئۇنىڭ،(ئابلىكىم-14ياش)
مەپتۇن قىلار قارىغانسىرى.(جەۋلان-14ياش)
گويا جەننەت سىماسىدۇر-ئۇ،(ئۆمەر-15ياش)
زەپمۇ ئۇز-رەڭدار ئۇنىڭ ياپرىقى.(ئالىم رەخىم-14ياش)
ياپرىقى ئوتقاشتەك قىزارغانسىرى،(ئالىيە-15ياش)
ئاچار ئادەمنىڭ نازۇك كۆڭلىنى.(جەۋلان-14ياش)
ئوخشايدىكەن ئادەمنىڭ پاك قەلبىگە،(رازىيە-15ياش)
تۆت پەسىل شۈنچە ئۇز كۆكلىگەنسىرى.(دىليار-14ياش)
قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرار مەردانە،(ئۆمەر-15ياش)
جۇدۇنلار قەددىنى ئىگەلمەيدۇ ھېچ.
ئۇ كۈلەر جۇدۇندىن سۈزۈپ دۇردانە،
مىسالدۇر ئىنساننىڭ پاك سۆيگۈسىگە.(جەۋلان-14ياش)
سىڭگەچكە ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببەت.(دىلنار-15ياش)
يارىشىپتۇ تەبىئەتكە گۈزەل رۇخسارى،
ئېرەننىڭ قىپقىزىل يوپۇرماقلىرى.
شۈنچە رەڭدار ئېرەن ياپرىقى،
پەسىل ئالماشسا ئۆزگىچە تېخى.
ھەممە رەڭنىڭ پەرۋىشكارى-ئۇ،
كۆزنى قاماشتۇرار ئوتقاش رەڭلىرى.(گۈلمىرە-14ياش)
2.سىمۋوللۇق مەنىسى جەھەتتىكى مۇشائىرە:
ئېرەننىڭ قامىتى سەددىچىن –گويا،(ئۆمەر-15ياش)
بوي ئەگمەس دۈشمەننىڭ ھۇجۇملىرىغا.(مەريەمگۈل-13ياش)
تۇراتتى ھەر ۋاقىت ۋايسىماي پەقەت،
قىشنىڭ جۇت-سوغۇق جۇدۇنلىرىدا.
يۇلتۇزلارمۇ گويا ئېرەن ياپرىقىدىن بولغاندەك،(ئالىيە-15ياش)
كۆز ئالدىدا چاقنار خۇددى چاقماق چاققاندەك.(مۇرات-13ياش)
ھەر ۋاقىت،ھەر دائىم ئەسلىتىپ تۇرار،(دىلدار-14ياش)
مىللەتنىڭ ئىناقلىق-دوستلۇق مارشىنى.(مەرھابا-15ياش)
ھەۋەستە قارايدۇ كىشىلەر ساڭا،(دىليار-14ياش)
ياپرىقىڭ جۇدۇندا پارقىرىغانسىرى.(مۇرات-13ياش)
گويا يۇلتۇز رەڭ تاراتقاندەك.(ئالىم ئابدۇرىھىم-15ياش)
قەھرىماننىڭ سىماسى سەندە،
ئادالەت قانلىرى تامچىغانسىرى.(مۇرات-13ياش)
ئۇ بېرەر ئىنسانغا تارىخىي پۇرسەت،
ئەۋلادلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار گويا ئوتقاشتەك.(دىليار-14ياش)
ھەۋەستە قارايمەن ئېرەن ياپرىقىغا،(مەدىنە-14ياش)
بەس-بەستە سايرايدۇ قۇشلار شادىمان.(ئابىدە-14ياش)
ئۇ-تەبىئەتنىڭ كۆركى،زىننىتى،
دادىللىق،جەسۇرلۇق ئۇنىڭ خىسلىتى.(ئەلفىرە-14ياش)
گۈزەللىك كۆزۈمگە نۇر بولدى،  
يۈرۈكىمنى خۇشاللىققا يار قىلدى.
قىزىللىقىڭ سۇ بەردى،  
چاڭقاپ كەتكەن يۈرەكلىرىمگە.(ئالىيە)
خەلق غەمگۈزار شۇ كۈنلەردە،
ئىزىلىپ،جىمىلىپ دۈشمەن قولىدا.
بىر توپ ياشلار خۇددى ئىرەندەك،
قەد كۆتۈرۈپ تۇردى خەلق ئالدىدا.
ئانا يۇرت سۆيگۈسى مەڭگۈ ھەمرا ئۇلارغا،
خەلقنىڭ ئالقىشى بىلەن جەننەتتە.
خەلق مەڭگۈ ياد ئىتىپ تۇرىدۇ ئۇلارنى،
خۇددى ئىرەننى كۆرگىسى كەلگەندەك.(ئۆمەر)
ئۇ گويا قەھرىماننىڭ ئوتتەك يۈرىكى،
لاۋۇلداپ كۆيىدۇ ۋەتەن ئىشقىدا.
تەبىئەت كۆكسىدە قىزىل يوپۇرماق،
جىلۋە قىلىپ تۇرار قۇياش تەپتىدە.(گۈلمىرە)
تارىخنى قەھرىمان ياراتقان،
شۇ ئىسسىق تۆكۈلگەن قان بىلەن.
قان رەڭگى،
يوپۇرماق –رەڭگى،
بۇ رەڭ ئىرەن يوپۇرمىقىدىن ھەريان چىچىلىپ،
ئەسلىتىدۇ ئىشچان خەلقىمنى،
باتۇر –ئوغلاننى.
2016.3.10.

قارىغاي دەرىخىگە مەدھىيە
ئاپتورى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: ئالىم رەھىم
    قارىغاي دەرىخى ھەقىقەتەن خىسلەتلىك دەرەخ، مەن قارىغاي دەرىخىنى مەدھىيلەيمەن!   
بىز ساياھەتكە چىقماقچى بولۇپ غۇلجا تەرەپكە قاراپ يول ئالغىنىڭىزدا،سىز ساپ ھاۋا ۋە مەنزىرىلەردىن نەپەس ئالىسىز.غۇلجا شەھەر ئىچىگە 40،30 كىلومىتىرچە قالغاندا غۇلجىدا ئۆسكەن ئىگىز-ئىگىز قامەتلىك قارىغاي   دەرىخى بىلەن گۈزەل ھەم سىرلىق سايرام كۆلى سىزنى قارشى ئالىدۇ. قارىغاي دەرىخىگە قارىغىنىڭىزدا ئۇنى چىدامچان،قەيسەر ئەسكەرگە ئوخشىتىسىز،ئۇنىڭ ھەربىر تۈپى ناھايتى ئىگىز،ئۇ ھەرگىز قىيپاش ئۆسمەيدۇ.ئۇ بىشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ،يەنىلا شۇنداق قامەتلىك،يىقىلماي دەس تۇرىدۇ.ئۇنىڭ جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان نازلىق قىياپىتى يوق،ئەجدىرھادەك تولغۇنۇپ تۇرىدىغان شىخىمۇ يوق.بەلكىم،سىز ئۇنى گۈزەل ئەمەسكەن دەرسىز،ئەگەر گۈزەللىك ‹‹جىلۋى قىلىش››ياكى ‹‹يان تەرەپكە قىيپاش ئۆسۈش›› تىنلا ئىبارەت بولسا،ئۇ ھالدا قارىغاي دەرىخى سۇۋادان تېرەككە ئوخشاش دەرەخلەر ئىچىدىكى ساھىپجاماللاردىن بولالمايدۇ.لىكىن،ئۇ قاۋۇل،تۈز،ساددا،سۈرلۈك. ئۇنىڭدا مۇلايىملىقمۇ بار،قەيسەرلىك ۋە مۇستەھكەملىكنى دىمەمسىز تىخى،ئۇنى دەرەخلەر ئىچىدىكى سالاپەتلىك ئەر دىيىشكە بولىدۇ.ئۇ بىز غۇلجا خەلقلىرىمىزنىڭ جاپا –مۇشەققەت،جەبىر-جاپالىرىمىز ۋە كۈلكە يىغىمىزنى بىزگە نامايان قىلىپ بىرىدىغان دەرەختۇر.ئۇ بىز غۇلجا خەلقلىرىمىزنىڭ ئىشچان،چىدامچان ۋە راستچىللىقىمىزنى،ئەمگەكچان ۋە كۈلكە-چاقچاققا خۇمار ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىپ بىرىدىغان دەرەختۇر.قارىغاي دەرىخى ھەقىقەتەن خىسلەتلىك،مەن قارىغاي دەرىخىنى مەدھىيلەيمەن. مانا بۇ قارىغاي دەرىخى شىمالدا ئۆسىدىغان ئادەتتىكىلا بىر دەرەخ،لىكىن خىسلەتلىك دەرەختۇر.ئاۋامنى كۆزگە ئىلمايدىغان،ئاۋامنى سەل چاغلايدىغان مۇتەئەسسىپ ئادەملەر ئوڭاي ھەم قامەتلىك قارىغاي دەرىخىنى كەمسىتسە كەمسىتىۋەرسۇن.مەن غۇلجا خەلىقلىرىگە ۋاكالىتەن قارىغاي دەرىخىنى جاراڭلىق ئاۋازىم بىلەن مەدھىيلەيمەن.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
2016-يىلى 3-ئاي


ھويلامدىكى ئالما دەرىخى
ئاپتورى: 8-يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: گۈلمىرە قۇددۇس

ھويلىمىزدا بىر تۈپ قېرى ئالما دەرىخى بار.ئۇ ھويلىمىزنىڭ زىننىتى.بوۋام،موماملاردىن ئاڭلىشىمچە بۇ ئالما دەرىخىنى ئۇلۇغ بوۋام،يەنى بوۋامنىڭ دادىسى بوۋام كىچىك ۋاقتىدا تىككەنىكەن.ھەر قىتىم بۇ ئالما دەرىخىنىڭ شىرىن مىۋىسىنى يىگەن چىغىمدا ،ئۇلۇغ بوۋامنىڭ دەرەخ تىكىش ئارلىقىدىكى ھارغىن،ئەمما خۇشاللىق يۇغۇرۇلغان چىرايىنى خىيال قىلاتتىم.
بىزنىڭ ھويلىدىكى ئالما ئادەتتىكى چوڭ ئالما ئەمەس،بەلكى كىچىك تاش ئالما.ھازىر قىش ۋاقتى پىشمىغان بولسىمۇ،لىكىن ياز ۋاقتىدىكى ھالىتىنى ئەسلىيەلەيمەن.ئالمىنىڭ سىرتقى قىياپىتى كىچىك،رەڭگى كۆكۈچ،كىچىك ئاق چىكىتلەر بولىدۇ.يىسىڭىز ئاچچىق-چۈچۈك،تەملىك.يازنىڭ7-8-ئايلىرىدا پىشىدۇ.ھەر يىلى ياز كەلگەن چاغدا بىز بىر توپ بالىلار توپلۇشۇپ،ئالما دەرەخىنى كۈچەپ سىلكىيتتۇق.ئالمىلار بىر –بىرلەپ توكۇرلاپ چۈشەتتى.بىز ئوپۇر-توپۇر بولۇپ يەرگە چۈشكەن ئالمىنى تېرىپ يەيتتۇق.ھويلىمىزدىكى دەرەخ تەخمىنەن 3مىتىر.يىراقتىن قارىسىڭىزقوپال،ئەگرى-بۈگرى ئۆسكەن كۆرۈمسىز كۆرۈنىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ شىېىن مىۋىسىنى يىگىنىڭىزدەئۇنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى ھىس قىلالايسىز.دىگىنىم توغرىمۇ؟

51

تېما

5

دوست

1468

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
644
مۇنبەر پۇلى
757
ئىشەنىچ
644
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-29 12:28:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغنىڭ بۇ تېمىغا نەزەر سالغانلىقىغا تەشەككۈر...!

229

تېما

36

دوست

4692

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
845
مۇنبەر پۇلى
3136
ئىشەنىچ
845
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-30 10:11:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-29 12:28
تەڭرىتاغنىڭ بۇ تېمىغا نەزەر سالغانلىقىغا تەشەككۈر...!

ئەلۋەتتە نەزەر سېلىشقا تېگىشلىك، مۇنبەرگە يەنە بىر يېڭىلىقنى يەنى كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەپسىز ، بەك سۆيۈندۈم، مۇمكىن بولسا 419029211 مۇشۇ چ چ نومۇرىنى قوشۇپ مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز دېيىشىدىغان گەپ بار ئىدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 21:37, Processed in 0.127378 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش