گوللاندىيە ھەمكارلىق بانكىسى: ياپونىيە يىنى نېمە ئۈچۈن يىل بېشىدىن بۇيان كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى خۇيتوڭ تورى 21-مارت خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى گوللاندىيە ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى Jane Foley نىڭ قارىشىچە، 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان خەۋپ خەتەر تۇيغۇسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، Dow Jones سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى چۈشۈش كۆلىمىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە DAX كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىن بۇيانقى %73 لىك چۈشۈش كۆلىمىنى تولۇقلاپ بولدى، Nikkei Stock Average 225 كۆرسەتكۈچى بولسا ئاران %50 لىك چۈشۈش كۆلىمىنى تولۇقلىدى. ياپونىيە پېيى ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب - ياپونىيە يىنىنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك ھالەتتە بولغانلىقى بولدى. لېكىن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى ، ئۆتكەن بىر ئايدا پاي چېكى بازىرى ۋە خەۋپ خەتەرلىك مۈلۈكلەر ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، لېكىن ياپونىيە يېنى تېخى ئاجىزلىمىدى. گەرچە ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدە خەۋپ - خەتەر تۇيغۇسى سەل ياخشىلىنىپ، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە يىنى يەنىلا خەۋپتىن ساقلىنىش مەبلىغىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى. پۇل تۈرلىرىدىن باشقا، ياپونىيە زايومىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئىنتايىن كۆپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ كەپتەر مەزھىپىگە تېخىمۇ مايىل بولۇشى ئومۇمىيلىقتىن ئېيتقاندا ئامېرىكا زايومىغا نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلدى. ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بوشىتىش پىلانى كۆلىمى ئەسلىدىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ياپونىيە زايومى ئېھتىياجغا يېتىشمەسلىك كۆرۈلدى. بازار ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بوشىتىش قەرەلىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، بۇنىڭ بىلەن، بازارنىڭ ئەنسىرەش كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. گەرچە زايوم كىرىم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇ دۆلەت پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، ئەمما بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە مەبلەغ سالغۇچىلار گىرەلەشمە پۇل سۈرۈلمە قەرەللىك سودىسى ئارقىلىق سالغان مەبلىغىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، مەبلەغ سېلىش بىرلەشمە مەبلىغىنىڭ ئېقىشىمۇ ياپونىيە زايومىنىڭ چەتئەلدىكى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۆتكەن بەش ھەپتىدە ياپونىيە زايومى جەمئىي 2 تىرىليون 762 مىليارد ياپونىيە يىنى چەتئەل مەبلىغى ئېلىپ كىردى، بۇ تەبىئىيلا ياپونىيە يىنىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. گوللاندىيە ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ قارىشىچە، كەلگۈس بىر نەچچە ئايدا JPYUSD پېرېۋوت نىسبىتى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى چوڭ ئامىل بار بولۇپ، بىرى، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى ئۆرلىشى مۇمكىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشالايدۇ، ئامېرىكا زايوم كىرىم نىسبىتى ئۆرلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىغا ئاقىدۇ. ئىككىنچىسى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياپونىيە يىنى قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈكلىرىگە بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما مۇشۇنداق بولسىمۇ USDJPY بۇ يىل چوڭ كۆلەمدە ئۆسمەيدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئېشىش يەنىلا ئاستا بولىدۇ، كەلگۈسى 12 ئايدا USDJPY نىڭ ئەڭ يۇقىرى نىشانى 116.
|