سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
15-قېتىملىق پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى پائالىيتىنى تېخىمۇ رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن قانات يايدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن يىلدا بىر كىلىدىغان ئەنئەنىۋى نەۋرۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت نەۋرۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئەھمىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش، نورۇزنامە ئوقۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسۈتۈش، مەشىرەپ قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى . ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلار بىرلىكتە نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە،ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسدىن سايرام بازىرىغا خىزمەت گۇرۇپپىسىغا چۈشكەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار، باي ناھىيەلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر جەمئىيتىدىكى بىر قىسىم خادىملار ، سايرام سەنىمى تەتقىقاتچىلىرى قاتارلىق بىر قىسىم شائىر ۋە ئەدىبلەرمۇ قاتناشتى. تۆۋەندە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر.
|