تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2575|ئىنكاس: 0

دوللارنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

0

دوست

1356

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
195
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
195
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 20:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوللارنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

20140430094747-376068735.jpg

3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەشنى ئاساس قىلىپ تەۋرەندى، ھەم ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1240.56 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىدى؛ ئاساسلىقى دوللارنىڭ كۈچىيىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، لېكىن سودىگەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئالتۇن ETF زاپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىشى، ئالتۇن باھاسىغا يەنىلا تىرەش كۈچى بولدى.
بۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەشنى ئاساس قىلىپ تەۋرەنگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 95.22 ئەتىراپىغا چىقتى، بۇ ئەھۋال ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك بېسىم پەيدا قىلدى.
 Ayers Alliance سىدنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى Jonathan Barratt مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەركىزى بانكىنىڭ قولىدىكى سىياسەت قورالى ئازايدى، بۇ كېيىن كەڭ پۇل سىياسەت تەدبىرى قوللىنىلسا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقىمۇ ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىنگاپورنىڭ بىر نەپەر سودا خادىمى مۇنداق دېدى، پاسخا بايرىمى سەۋەبىدىن، بازاردا تەۋرىنىش بولىشى مۇمكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بازار يۆنىلىشى ئاجىزلىشىشىقا قاراپ يۈزلەندى، شۇڭا بازاردا تەۋرىنىش بولغان ئەھۋالدا، پەقەت دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئامىللار بۇ ھەپتە ھېساباتنى بوغۇپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەسكەرتىشكە بولىدىغىنى شۇكى، بازار كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇنىڭغا نىسبەتەن گۇماندا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولىسىمۇ، لېكىن پۇل پاخاللىقى يۈزلىنىشى ئادەتتە ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ مەبلەغ سېلىش جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىممىتىنى ساقلايدۇ.  

خەلق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش مۆلچەرى ئاجىزلاشتى

u=305055312,3696037226&fm=11&gp=0.jpg

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دوللار كۆرسەتكۈچى بىراقلا ھالقىپ، بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرىكى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تۈرتكىسىدە، خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بارلىق تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن قايتۇرۇۋالدى. يېقىنقى ئىككى سودا كۈندە، خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى 540 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى، نەق پېرېۋوت باھاسىمۇ زور دەرىجىدە 500 ئاساسىي نۇقتا يېقىن ئۆرلىدى، بۇنىڭ بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈش مۆلچەرى مۇقىم ئاستىلىدى.
بازار تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، دۇنيا ئېقىشچانلىقى كېڭەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش كېچىكىشى ئەگىشىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئۆسۈم ئۆستۈرمەسلىك باياناتىنى كەڭ قويۇۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىۋېلىش پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئۆسۈم پەرقى تارىيىش مۆلچەرنىڭ تۆۋەنلىشى، ھەمدە مەركىزىي بانكىنىڭ قەتئىي  پېرېۋوت نىسبىتى مۇقىملىقنى ساقلىشى تۈرتكىسىدە، خەلق پۇلنىڭ چوڭ دائىرىدە قىممىتى چۈشۈش ئەندىشىسى ئاجىزلاشتى. مەيلى كاپىتالنىڭ ئېقىپ چىقىش بېسىمىنىڭ پەسىيىشى ياكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشى بولسۇن، سىياسەت بوشلۇقىنىڭ يۆتكىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەممىسى بازارنىڭ خەۋپ - خەتەر تۇيغۇسى كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.


خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا تۆۋەنلىدى

4038aecb-cc48-4d5d-b71e-12ead49444cc.jpg

دۈشەنبە خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا ئۇدا ئىككىنچى سودا كۈنى تۆۋەنلەشنى كۆرسىتىپ، %1 يېقىن تۆۋەنلىدى، بۇ ئالدىنقى ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن يەنە بىر قەدەم تۆۋەنلىدى، سەۋەبى ئامېرىكا ئېلان قىلغان بۇرغىلاش سۇپىسى سانى 12- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆرلىگەندىن كېيىن، بازارنىڭ تەمىنلەش ئېشىپ كېتىشكە نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا بولدى.
دۈشەنبە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.85 تۆۋەنلەپ، 40.79 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ بېشىدىكى يۇقىرى نۇقتا 41.2 دوللارغا چىقىپ، كەينىدىنلا تۆۋەنلىدى، راسچوت باھاسى %2 كە يېقىن تۆۋەنلەپ ھەر باكى 39.44 دوللارغىچە بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.75 تۆۋەنلەپ، 40.89 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنىدە 42.54 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان.
نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى Baker Hughes نىڭ سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنىرگىيە كارخانىسى ئالدىنقى ھەپتە  بۇرغىلاش سۇپىسى سانى 1 دانە ئاشقان ئىلگىرى ئۇدا 12 ھەپتە كېمەيگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بۇرغىلاش سۇپىسى ئۆتكەن بىر يىلدىكىدىن 3/2 قىسمى كېمىيىپ، 2009 يىلدىن بۇيانقى تۈۋەن نۇقتىغىچە بولغان. بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ ئېشىشى نېفىت باھاسىنىڭ 2- ئايدىن بۇيان %50 ئۆسكەندىن كېيىن، نېفىت بۇرغىلاش پائالىيتىنىڭ تۆۋەنلەش يۆلىنىشى ھازىر مۇقىملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىپ 1- ئايدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئۆتكەن ئىككى ئايدا ئۆسۈپ، ھەر باكى 40 دوللارنىڭ يۇقىرىغا چىقتى.
ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە بانكىسى (ANZ) دۈشەنبە دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، " ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ئامېرىكا سلانېتس ساھەسىدىكى نېفىت بۇرغىلاش ماشىنىسىنىڭ سانى مۇقىملىششىقا قاراپ ماڭغان. ئۇدا ئالتە ئاي كېمەيگەندىن كېيىن، Baker Hughes سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانى ئېشىپ، 387 گىچە بولغان."  دەپ كۆرسەتتى.
ئالدىنقى ھەپتە فرانسىيە پارىژ بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا، " دۇنيا ئاساس يۈزىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق، نېفىت باھاسى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئېشىش تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان. مۇھىمى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەھسۇلات مىقدارى مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت بولۇپ ، پەقەت ئىشلەپچىقىرىشنى توڭلىتىش قارارى، نېفىت بازىرىنى قايتا تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش قارارى ئەمەس. "
فرانسىيە پارىژ بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۇنيا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 1 مىليون باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.





ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4824 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
20150818055257344.jpg

ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:30, Processed in 0.132962 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش