پروگراممىمىزنىڭ بۇ سانىدا شىنجاڭ ئۇچقۇر پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەلى مۇھەممەت ئەپەندىم ۋە ABS گورۇھى غەربىي رايون باش بازار نازارەتچىسى، ABS گورۇھى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنى شىنجاڭ بايكۈچ سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شىرئەلى ياسىن ئەپەندىم بىلەن رايونىمىزدا جانلىنىۋاتقانIT كەسپى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، تاشقى پېرىۋوت ۋە نېفىت بازار ئەھۋالى، ئالدىنقى ھەپتىلىك بازارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار، يېڭى ھەپتىلىك بازارغا كىرىش ۋە بازاردىن چېكىنىش نۇقتىلىرى ھەققىدىكى تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پروگرامما گۇرۇپپىمىز كەڭ كۆرۈرمەنلەر دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاپ پروگراممىمىزغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
|