- تىزىملاتقان
- 2014-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 439
- نادىر
- 2
- يازما
- 41
 
- تۆھپە
- 57
- مۇنبەر پۇلى
- 265
- ئىشەنىچ
- 57
| نورۇز تۇيغۇسى
ئاۋۇت بارات
(نەسىر) ئەي، نورۇز ! مەن سېنى سېغىنىمەن ، پۈتكۈل ئاۋام سېنى سېغىنىدۇ .چۈنكى سەندە ھاياتلىقنىڭ شادلىق كۈلكىلىرى ،ئاۋامنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرى ،پۈتكۈل زېمىن ۋە جانۇ-جانۋارلارنىڭ ئارمانلىرى ئىشقا ئاشىدۇ . قاراڭ ئەنە ،بۈگۈن يەنە نورۇز كەلدى،يىللاردىكىدىن ئۇز كەلدى.سېخى قوياش تەپتىدىن تەبىئەتكە گۈل كەلدى... ئادىتىم بويىچە «CANON»ماركىلىق سۈرەت تارتىش ئاپراتىمنى بوينىمغا ئاسقىنىمچە شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم .مەن يۇرتۇمغا يىتىپ كەلگەندە قوزا چۈش بولغان ئىدى. نورۇزدىكى ھاۋا نېمەدېگەن سۈزۈك،نېمەدېگەن ساپ،نېمە دېگەن ھوزۇر-ھە! قاراڭ نوزۇز كېلېپ ئەتراپنى جانلاندۇرۇۋېتىپتۇ،نورۇز قوياشى پايانسىز يىزا-قىشلاقلارغاسېخى نۇرىنى چېچىپ،ئېتىز-ئېرىق،باغۇ-ئورمانلارنى زەپمۇ چىرايلىق رەڭدار تونغا ئوراپتۇ،پۈتكۈل كائىنات قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ گۈزەل تۇس ئاپتۇ...ئەلۋەك،زىلال ئەگىز سۇلىرى تاڭ شەبنەملىرىدەك شوخ-شوخ ئەركىلەپ مۇڭلۇق سىمپونىيە ياڭىرتىپ،خىسلەتلىك ئانا تۇپراقنىڭ باغرىغا باغرىنى يېقىپ ئېقىشقا باشلاپتۇ،ئۇنىڭ شىرىقلىغان تاۋۇشلىرى بەئەينى تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇۋاتقانلىقىدىن بىرىلگەن سېگنالدەك ئۆزگىچە بىرخىل تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى.گۈل-گىياھلار بېخلىنىپ ھۆپپىدە ئېچىلىشقا تەييار بوپقاپتۇ،بۇلۇڭ-پۇچقاق،ئۆچەك-يېرىق، كاما تۆشۈكچىلەردىكى جانىۋارلارمۇ مۈكۈنۈش سۈكۈتلىرىگە خاتىمە بېرېپ،يەنە بىر يېڭى ھاياتنىڭ پارلاق نۇرىغا ئېرىشكەندەك ئۆزلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاشقا باشلاپتۇ...دېھىققان ئاكام ئېتىز-ئېرىق قىرلىرىنى ئېگىزلەپ، مىۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ تۈۋىنى يۇمشۇتۇپ،رەت-رىتى بىلەن سۇ باشلا ۋېتىپتۇ.سۇمبۇل چاچلىق قىز-جۇۋانلارنىڭ بەزىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ،يۇمۇرلۇق چاقچاقلار بىلەن قاشلىرىغا ئوسما قويىشسا،يەنە بەزىللىرى چاچلىرىنى قېرېق تال ئۆرۈپ،جۇپ-جۇپ بولۇپ ئېلەڭگۈچ ئۇچۇشاتتى،يەنە بەزىللىرى سەھەر تۇرۇپ،ھويلا-ئاراملىرىنى سۈپۈرۈپ تازلاپ نورۇز سۈيىنى قېنىق-قېنىق سىپەتتى،يەنە بەزىللىرى تەپكۈچ تىپەتتى،ئاتلانغۇچ ئوينايتتى.قاياقلارغىدۇ كەتكەن قارلىغاچلارمۇ قايىتىپ كېلىپ،پىشايۋان ئاستىدا ۋەتېلېفۇن سىملىرىداقاتار-قاتار ئولتۇرۇشۇپ،بىر-بىرىگە تىكىلگىنىچە بۇيىلقى نورۇز ھەققىدە ۋېچىرلىشاتتى.كېتىۋېتىپ يەنە،ئۆستەڭ بويىدا شوخلىقدىن قېن-قېنىغا پاتماي بىر-بىرىگە سۇچېچىشىپ ئوينۇشىۋاتقان،سۇغا تويۇنۇپ يېشىلگەن سېرىق سۆگەت تاللىرىنى ئات ئېتىپ بىر-بىرى بىلەن «قېنى قايسىمىز يامان !»دىگېنىچە چېپىشىپ يۈرگەن كىچىك باللارنى،ئۇيەر-بۇيەرلەردە غۇژمەك-غۇژمەك بولۇشىۋېلىپ نورۇزغا ئاتاپ توقۇشقان قوشاقلارنى ، نورۇز تۇيغۇسى بىلەن يازغان نەزمىللىرىنى چۇڭقۇر ھېسىيات بىلەن ئاۋازلىق ئوقۇۋاتقان يازغۇچى، شائىرلارنى ،بەزىلەرنىڭ خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىپ،ئۇسۇل ئويناپ بەزمە قىلىۋاتقانلارنى كۆردۈم.يەنە بەزى جايلاردا نورۇزلۇق ئېشىنى ھەممەتەڭ قول سېلىپ ئوخشۇتۇپ ئىتىپ،بىر-بىرىگە زور سېغىنىشلىق ئىكرانى بىلەن سۇنۇشۇپ،قاچانقى بىر چاغدىكى رەنجىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇسورۇشۇپ ياكى ۋەدىلەر بىرىشىپ دوسىتلىشىۋاتقانلارنى،ياشانغان بوۋاي-مومايلارنى، يېتىم - يىسىر، غېرىپ-غۇرۋانىلارنى يوقلاپ قايتقان ۋاپادار يىگىت-قىزلارنى كۆردۈم.مەن بارغانلا يەر شۇنداق خۇشال-خۇرام قىزغىن ئىدىكى، قەھ-قەھلىگەن كۈلكىلەر نورۇز ھەققىدىكى ناخشىلار ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ،ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. قاراپ-قاراپ تويمىغاندەك مېڭىۋىدىم ، چەۋەندازلارنىڭ خۇددى توپ ئوينىغانلار بىر-بىرىگەپاس بىرىشكەندەك ئوغلاقنى ئېلىپ شامالدەك تىز چېپىۋاتقانلارنى، «مېنىڭچە قىزىلى يامان ،ياق مېنىڭچە قارىسى يامان »دىيىشىپ خوراز سوقۇشتۇرىۋاتقانلارنى،زەرىپ بىلەن قاراس-قۇرۇس ئاۋاز چىقىرىپ قوچقار سوقۇشتۇرۇۋاتقانلارنىمۇ كۆردۈم . يەنە بەزىلەر گۈلخان يېقىپ،گۈلخانلارنى چۆرىدەپ سەكرىشىپ چوقان سېلىشقىنىچە نورۇزدىن سۆيۈنەتتى. ئوت ئۇچقۇنلىرى خۇددى قوياش نۇرىنىڭ پارچىللىرىدەك چاقناپ باھار قۇشلىرىدەك نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كېتەتتى .بەزى ئۆيلەردە نورۇزلۇق ئېشىغا ئېغىز تەگسە،بەزى ئۆيلەردە يېڭى كۆكتىن تۆگۈپ پۇشۇرۇلغان نورۇزلۇق چۆچۈرىلەرنى يىشەتتى ، ئۆي – ئۆيلەردە خۇشال كۈلكىلەر مەۋج ئۇرۇپ تاشقىندايتى . ئاشۇ كۈلكىلەردە كەتمەن ۋە قوشچىلارنىڭ خىتاپلىرىمۇ بار ئىدى . يېڭى بىر يىل ، يېڭى بىر كۈن باشلانغان ، كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن مۇشۇ كۈنلەردە تەبىئەت دۇنياسى كىشلەر ئەبىدىل – ئەبەت ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان تەبەسسۇم بىلەن تاتلىق كۈلۈمسىرمەكتە . بۇ تەبەسسۇم ھەممە شەيئى ، ھەممە مەۋجۈداتنىڭ ھۆسنىگە سېڭىشىپ ، كۈندىن – كۈنگە جۇلالىنىپ ، يېڭىدىن – يېڭى ھاياتلارغا ئېرىشمەكتە . ئېھ ،نورۇز سەن نېمە دېگەن قۇتلۇق كۈن – ھە ! سەن تەڭداشسىز گۈزەل ، تەڭداشسىز كۈچ ، تەڭداشسىز مۇجىزات سەن ، بۇلار مېنىڭ ھۇجۇدۇمدىن ئۇرغۇپ چققان نورۇز تۇيغۇسى .
|
|