ئىككى شېئىر
ئازادجان ئىبراھىم
ئۆزگىلەرگە ئىلھام بېرىش ياخشى ئادەت
ھەق سۆزلەيدۇ بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەنلار، چۈشىنىدۇ ئادەملەرنى كۈزەتكەنلەر. بۇ دۇنيادا پەزىلەتلىك ئادەملەردۇر، ياخشىلىقنى ئۆزگىلەرگە ئۆگەتكەنلەر.
ئەمگەك سۆيگەن چۆلنى بوستان ئېتەلەيدۇ ، كۆپ ئىشلارنى قاملاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ. بىلىم ئېلىش يولىدا كۆپ تىرىشقانلار، گۈزەل ئارزۇ ئارمىنىغا يىتەلەيدۇ.
كۆپ ياخشىلىق كېلىدىكەن ياخشىلاردىن، تاما قىلماي ئۆتكەچكە ئۇ باشقىلاردىن. روناق تېپىپ راۋاجلىنىپ گۈللىنەركەن، ساقلانغانلار دېققەت قىلىپ ساختىلاردىن.
ئادەملەردە بولغاندىلا سەۋرى تاقەت، كېلىدىكەن ھامان بىركۈن بەخىت ئامەت. ئەل جامائەت قىلىدىكەن ھۆرمىتىنى، يىتىلدۈرسە ھەربىر ئادەم ياخشى ئادەت.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈنەس
ئېناقلىقتىن بارچە ئادەم كۆكلەيدىكەن
ھەسەتخورلار ياخشىلارنى كۆرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار خوشال-خۇرام يۈرەلمەيدۇ. ئېناق ئېجىل ئۆتمىگەچكە ئاۋام بىلەن، ھايات پەيزىن ئۆزگىلەردەك سۈرەلمەيدۇ.
ئەپ ئۆتۈڭلارئاۋام بىلەن ئۇرۇشماڭلار، ئۆزگىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشماڭلار. ھەممە يەردە لىللا بولۇپ ھەقنى ھەق دەپ، ئۆزگىلەرگە كۆپ ئىللىقلىق بېغىشلاڭلار.
ئېناقلىقتىن ھەممە ئادەم سۆيىنىدۇ، ياخشى ئادەم ئۆزگىلەرگە كۈيىنىدۇ. ناباپلىرى بۇزۇپ دائىم ئېناقلىقنى، ھەممە يەردە ئەلگە يامان كۆرىنىدۇ.
پەزىلەتلىك ئادەم ئەلنى سۆكمەيدىكەن، ئىناۋەتنى،ئابىرويىنى تۆكمەيدىكەن. ئەلگە ئاپەت بولىدىكەن ئېناقسىزلىق، ئېناقلىقتىن بارچە ئادەم كۆكلەيدىكەن. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى |