2016-يىل ئالتۇن سېتىۋېلىش 1941-يىلدىكى پايچىك سېتىۋېلىشقا ئوخشاپ قالدى خۇيتوڭ تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى 
ئۆتكەن تۆت يىلدا قىممەتلىك مېتال بازىرىدا چوڭ كۆلەمدە چېكىنىش بولدى، ئالتۇن باھاسى تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى ئورۇندىن 46% گە يېقىن چۈشتى، كۈمۈش باھاسى بولسا %70 گە يېقىن چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كان مەھسۇلاتلىرى پايلىرىمۇ تالاپەتتىن ئامان قالغىنى يوق. LLC شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى Avi Gilburt نىڭ بىلدۈرۈشىچە بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئانالىزچى نۆۋەتتە ئالتۇن سېتىۋېلىش 2009-يىلدىكى پايچىك سېتىۋېلىشقا ئوخشاپ قالدى دەپ كۆرسەتكەن. گەرچە بۇ بىر قىزىقارلىق ئوخشىتىش بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ۋە كان مەھسۇلاتلىرى پېيىنىڭ يوشۇرۇن ئۆرلەش بوشلۇقىنى تولىمۇ چوڭ دائىرىدە تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىك بولىدۇ. ماكرولۇق بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئالتۇن ۋە كان مەھسۇلاتلىرى پايلىرى 3-قېتىملىق ئۆسۈش دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا قىممەتلىك مېتاللارنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئۆسۈش ھالىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. Gilburt نىڭ بىلدۈرۈشىچە مۇشۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتىكى ئالتۇن بازىرىنى 2009-يىلدىكى پاي بازىرىغا ئوخشىتىشقا بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى ئالتۇن بازىرى 1941-يىلدىكى پاي بازىرىغا ئوخشايدۇ. دۇنياغا داڭلىق پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سالغۇچىسى، دولقۇن نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى Ralph Nelson Elliott "1941-يىل چۈشۈش ھالىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تۈزىتىلىشى دەپ قارىلىشى كېرەك، تۈزىتىلىشنىڭ ئاخىرلىشىشى يېڭىچە بىر ئادەتتىكىدىن تاشقىرى دولقۇننىڭ باشلىنىشىغا بەلگە بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتتە 1857- ۋە 1929-يىللاردىكى دەۋرىيلىككە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئادەتتىكىدىن تاشقىرى دولقۇن دەۋرىيلىكى 2012-يىلدىن ئىلگىرى چوققا نۇقتىغا يېتىپ بولالمايدۇ" دەپ 1941-يىلىلا مۆلچەرلىگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بۇ گەپنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما Elliott نىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بۇ مۆلچەرى 70 يىلغا سوزۇلغان ئۆسۈش بازىرىنىڭ باشلىنىشىنى ناھايىتى توغرا مۆلچەرلىگەن. ھازىر كىم 1941-يىل Elliott ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈش بازىرىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقتىدىكى Dow Jones كۆرسەتكۈچىنىڭ باھا دائىرىسىنى بىلىدۇ؟ ئەينى ۋاقتىدا 1941-يىللىق Dow Jones كۆرسەتكۈچىنىڭ باھاسى 100 نۇقتا دائىرىسىگە چۈشۈپ قالغان. ئەمما 2015-يىل Dow Jones كۆرسەتكۈچىنىڭ باھاسى 18000 نۇقتا ئەتراپىغا چىقتى. 1941-يىلدىن كېيىنكى 70 نەچچە يىلدىن بۇيان 150-180 ھەسسە قاتلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. Gilburt نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر قىممەتلىك مېتال ۋە كان مەھسۇلاتلىرى پايلىرىنىڭ بازار ئەھۋالى 1941-يىلدىكى Elliott نىڭ پاي بازىرىغا بولغان مۆلچەرىدىكى ھالىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئاكسىيە سودا ئورنىنىڭ Gold Bugs Index,HUI كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكتىكى بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان بولساق، مەزكۇر كۆرسەتكۈچنىڭ كەلگۈسى ئون نەچچە يىل ئىچىدە 10 ھەسسىگە يېقىن ، كەلگۈسى 20 يىلدا 50 ھەسسە، كەلگۈسى 50 يىلدا داۋاملىق ئۆرلەش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بايقىيالايمىز. HUI كۆرسەتكۈچى ئاخىر Dow Jones كۆرسەتكۈچىنىڭ 1941-يىلدىكى 100 نۇقتا ئەتراپىدا تۈزىتىلگىنىگە ئوخشاش 100 ئەتراپىدا پىلاندىكى تۈزىتىلىشنى تاماملىدى. Gilburt يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: بەلكىم بۇ كۆپ قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بىر ماتېماتىكىلىق مەسىلە. ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش دىن مەسىلىسى ئەمەس، ئاساسىي يۈزنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان مەبلەغ سېلىشمۇ شۇنداق. ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش بازاردىكى تاللاپ مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە مەبلەغ سېلىشتۇر، مەيلى ئۆسۈش بازىرى بولسۇن ياكى چۈشۈش بازىرى بولسۇن، ھەر قانداق بىر بازارنىڭ ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش دەۋرىيلىكى بولىدۇ. نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننىڭ ئۆسۈپ 2000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىشىنى مۆلچەرلىمەكتە، ھەتتا بەزىلەر 5000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىدۇ دەپ مۆلچەرلەۋاتىدۇ. ئەمما فىبوناچچىنىڭ شارەك ئۇسۇلىنى Elliott نىڭ دولقۇن نەزەرىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا ئالتۇن باھاسى كەلگۈسى 50 يىلدا 25000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. كۈمۈش باھاسى بولسا كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىشى مۇمكىن. مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
|