تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2269|ئىنكاس: 0

Donald Trump زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا ئالتۇننىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا بەش چوڭ ئاس...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
43
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 13:12:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Donald Trump زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا ئالتۇننىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا بەش چوڭ ئاساس
ۋال كوچىسى پۇل مۇئامىلە تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
u=1367204824,2326123486&fm=15&gp=0.jpg
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتۇننىڭ ئۆسۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ باھا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىلارنى يېڭىلىدى. مەبلەغ سالغۇچىلار ETF-SPDRGoldShares گە 5.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ بولدى، سېلىنغان مەبلەغ ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئېقىپ چىقىپ كەتكەن مەبلەغنى تولۇقلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
تا بۈگۈنگە قەدەر Donald Trump زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا تاللىنىش نۇتۇقىدا ئۇ رەھبەرلىك قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەت چىقىمىنى قەرز پۇل ۋە پۇل بېسىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق قامدايدىغانلىقىنى ۋە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە مۇنازىرە بېكىتى Zerohedge بەش تۈرلۈك Donald Trump قولايدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتنى تىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ بەش تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەت ئاساسىي جەھەتتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
1.كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت .
Donald Trump نىڭ سىياسىتى "كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت" ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن بىردەك، كىچىك بوشقا ئوخشاش Donald Trump مۇ ھەربىيلىكتىن چېكىنىش ئىشلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بىر قىسىم ساھەلەردە چىقىمنى كۆپەيتىش تەرەپدارى.
ئەگەر Donald Trump زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسا بۇ چىقىملارنىڭ كۆپەيتىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ قەرز پۇل ۋە پۇل بېسىش كۆلىمىنىڭ زور مىقداردا كېڭىيىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن ئۆسۈش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
2.Donald Trump جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنتى بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى ئەگەر Donald Trump نامزات بولۇپ كۆرسىتىلسە ئۇلار ئۆز ئورنىنى يوقىتىشىدىن ئەنسىرەشمەكتە. Donald Trump نىڭ تۇنجى كىتابى «سودا سەنئىتى»  Donald Trump نىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان دۆلەت مەجلىسى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش توغرىسىدىكى باش قېتىنچىلىقىغا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى ، بۇ جەزمەن ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە.
Donald Trump بۇندىن بۇرۇن مۇرەسسە ئارقىلىق سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە چىقىمىنى ئاشۇرۇپ، باجنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي چىقىم جەھەتتە مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئۆز پىكرىنى پارلامېنت ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن يوشۇرۇن شەپە بەرگەن، نەتىجىدە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ بىر قاتار قەرز پۇلنى كۆپەيتىش ۋە پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش قاتارلىق ئاماللار ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3.قوغداش ئەندىزىسى ۋە پۇل پاخاللىقى.
Donald Trump نىڭ مالىيە سىياسىتى تەدبىرى يالغۇز پۇل پاخاللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشلا ئەمەس. ئۇ جۇڭگو ۋە مېكسىكا يېمەكلىك بېجىغا قارىتا قوغداش ئەندىزىسى يۈرگۈزۈش تەھدىتى سالىدۇ. ئەگەر بۇ سىياسەت يولغا قويۇلسا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش باھاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
تېخىمۇ چاتاق بولغىنى تەسىرگە ئۇچرىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4.پۇل بېسىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نورمال قامدىلىشىنى ساقلايدۇ.
Donald Trump تەپسىلىي پۇل سىياسىتى قارارىنى تېخى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانداقراق كىشىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى خالايدىغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق ئېنىق ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى. ئەمما ئۇنىڭ شەخسىي مۇقىم مۈلكى، مېھمانساراي ۋە قىمار شەھىرى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ چىقىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىستېمالچىلار چىقىمى قەرز پۇل ۋە پۇل بېسىشقا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدۇ.
مۇشۇنداق بولسا بىز Donald Trump نىڭ ئامېرىكىنى قەرز ئاساسىغا قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىسادىي كۆپۈكنى ئامال بار ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ئەھۋال.
5.مەڭگۈلۈك ئۇرۇش.
ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھۇجۇم، قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ياكى باشقا ئۇرۇش قىلمىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى بىر ياكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ كەلدى. ئوباما ھوقۇق يۈرگۈزگەن دەۋردە ئامېرىكا لىۋىيە، سۇرىيە، ئىراق، يەمەن، سومالى، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، Donald Trump ئۆزىنىڭ سىياسىتىنىڭ بۇلارغا ئوخشىمايدىغان قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
ئۇرۇش ئامېرىكا سىياسىئونلىرىغا پايدىلىق، چۈنكى ئۇرۇش خەلقنىڭ دىققىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خىرىستىن ئۇرۇشقا بۇرىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتى ئېغىر ئۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما ئۇرۇشمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

20151126114247_87922.png

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:44, Processed in 0.133585 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش