چۈرۈچتە مەشرەپ، چۈرۈچتە باھار 3-ئاينىڭ19-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنتىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش دېھقانلار مەشرىپى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن يەكشەنبە بازار بازىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كەلگەن ئاتاقلىق ناخشىچىلاردىن مەمتىمىن تۇرغۇن بىلەن پەرىدە مامۇت ۋە «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى»پروگراممىسىدا ئالاھىدە ماھارەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر ئابدۇللا بەكرى بىلەن يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر ئابلا موللەك قاتارلىقلار شۇنداقلا قەشقەر، ئاتۇش شەھىرى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى، بىر قىسىم قەلەمكەشلەرئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ۋە نورۇزنامىلەرنى ئوقۇپ، چۈرۈچ كەنتى ۋە خوشنايېزا،كەنتلەردىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ئاممىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋەئۇلارغا زور مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلدى. سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش











































|