مېنىڭ ئاتام
ئۇيغۇرنىسا روزى سايىت
سۆلكىتىڭدە تاغلارنىڭ قەددى ، شۆھرىتىڭدە سۇلار زەرەپشان . تەلىمىڭدە ئۇچۇرۇم قۇشلار ، ئەل ئىچىدە قۇچتى شەرەپ-شان.
ئەي مېھرىبان ئەزىزىم ئاتام ، تەلىملىرىڭ ياڭراق كۈي-مۇقام . سەن قالدۇرغان ھەر بىر دۇردانە ، ئالغا ئۈندەپ سالىدۇ چوقان .
سابا چىللاپ كەتتىمۇ سېنى ؟ كۆزدىن ئۇچتۇڭ ، كەتتىڭ دۇنيادىن. نەدىن سوراي ، ئېيتقىن قەيەردىن ؟ تاغلاردىنمۇ؟ ئېقىن- دەريادىن؟
تېرىغاننى ئالىسەن دېدىڭ ، ئوقۇ، ئۆگەن، تىرىشقىن دېدىڭ . ھايات ئۇزۇن، يولى ئېگىز-پەس، ئىجتىھاتتا ئاتلىغىن دېدىڭ.
تېمىپ – تېمىپ كۆلنى تولدۇرۇپ، چامداپ، چامداپ داۋانلار ئېشىپ، مەن يېتىمەن مەنزىلگە ئاتا، ئۈمىدىڭنى باغرىمغا تېڭىپ.
ھاياتىمنىڭ چىرىغى ئاتام، زىمىستاندا باھارىم ئاتام. سېخىلىقتا گوياكى ھاتەم، ئايسىز تۈندە چولپانىم ئاتام. 2016-يىلى 16-مارت خوتەن
|