- تىزىملاتقان
 - 2016-3-19
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2016-7-5
 - ھوقۇقى
 - 20
 - جۇغلانما
 - 42
 - نادىر
 - 0
 - يازما
 - 3
 
 
  
 - 真实姓名
 - ئۇيغۇرنىسا روزى سايىت
 - تۆھپە
 - 3 
 - مۇنبەر پۇلى
 - 30 
 - ئىشەنىچ
 - 3 
 
  | باھارغا تەلپۈنۈش 
 ( نەسىر ) ئۇيغۇرنىسا روزى سايىت 
  قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى سېغىندىڭىزمۇ ؟ سەھەردىكى گۈل بەرگىدە يالتىراپ تۇرغان شەبنەم تامچىلىرىنى ئەسكە ئالالامسىز ؟ ئەگەر ئېتىز بويلىرىدا يامغۇردىن كېيىنكى نەم توپىنىڭ ھىدى نېرۋىلىرىڭىزنى سەگەكلەشتۈرۈپ ، روھىڭىزغا ئازادىلىك بېغىشلىغىنىدا ، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى  يەنە سىزنى بىزارلىق ھېس قىلدۇرارمۇ ؟ ئەگەر مەندىن سورىسىڭىز، مەن ، ياق ، دەيمەن . چۈنكى ، - باھارنى سېغىندىم ! خۇددى بىر ئاشىق ،مەشۇقىنىڭ يوللىرىغا ئىنتىزار بولغاندەك ، باھارنى زارىقىپ كۈتتۈم ... ئەتىيازنىڭ مەيىن شاماللىرى مەڭزىلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتكىنىدە ، قانداق تۇيغۇدا بولغان بولغىيتتىم ؟! قىشنىڭ شىۋىرغانلىق ئۇزۇن كېچىلىرىنى ، چىرايلىق مەڭزىلىرىمنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ، دەرىزە تۈۋىدە ئايغا بېقىپ ئۆتكۈزدۈم. كىچىكلىكىمىزدە،‹‹كاككۇك باھارنى چىللاپ كېلىدۇ...›› دېيىشەتتۇق .شۇڭلاشقىمىكىن ھەممىدىن بەكرەك كاككۇكنىڭ سايرىشىغا ئىنتىزار بولدۇم .     باھارنىڭ ئاشىقى ئىدىم . رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر ئارىسىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرسەم دەيتتىم . باھارنى ياخشى كۆرەتتىم. قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا جۈر بولسام دەيتتىم . باھارغا دوست ئىدىم .ئۇماڭا ئىلھام ۋە ھوزۇر بېرەتتى .مەن باھارنىڭ زوقىدا شېئىر-قوشاقلارنى توقۇيتتىم . مانا بۈگۈن،نورۇز كەلدى، دەيدۇ .نورۇز بوۋاي باھارنى ئېلىپ كەپتۇدەك .بەرىكەتلىك داستىخىنىنى كەڭيايغىنىچە ، يۇرت – مەھەللىلەرگە مول – ھوسۇل ، ئاسايىشلىق ،ۋە بەخىت – سائادەتتىلەۋاتقانمىش .ئەمدىلا بىخ چىقارغان يۇمران نوتىلار بەللىرىنى ئېغاڭلاتقىنىچە ئۇسسۇلغا چۈشكەنمىش . قۇشلار ئۇياقتىن –بۇياققا ئۇچۇشقىنىچە ،توختىماستىن ۋىچىرلىشىپ ، ‹‹ بۈگۈن ھەممىگە بايرام، ئىنسانلارغىمۇ بايرام ، تەبىئەتكىمۇ بايرام ، بىز جانىۋارلارغىمۇ بايرام ››دىيىشىۋاتقۇدەكمىش . مەيىن شاماللار مېھىربېلەن ھەر بىر مەڭىزلەرنى سىيپاپ ئۆتكىنىدە ،ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ، ‹‹ بۈگۈن ئەمگەكبايرىمى ، ئىناقلىق بايرىمى ، ساۋاپلىق بايرىمى ، تەبىئەت بايرىمى ›› دەپشىۋىرلاۋاتقانمىش .    ئەي دوستۇم ، يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ،ئىشىك – دەرىزىلىرىڭىزنى ئېچىپ ، باھارنىڭ سالقىن شاماللىرىنى ئۆيىڭىزگە باشلاڭ.بوسۇغىلىرىڭىزنى سىرىپ – سۈپۈرۈپ ،نورۇز بوۋاينى تۆرگە چىللاڭ . شۇ تاپتا نورۇزبوۋاي ئۆي –ئۆيلەرگە كىرىپ پەتىلىگەچ ،  ‹‹باھار كەلدى ! نورۇز كەلدى ! بۈگۈن نورۇز ! ›› دەۋاتقۇدەك .
                                  2016-يىلى17-مارت
  |  
  |