تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 1

سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق ( ئامىنە ئابدۇۋايىت )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 16:33:48
سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق

ئامىنە ئابدۇۋايىت

سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق،
يىل بېشىدا سىلەرگە.
تۇلۇن ئايدەك چىرايلىق ،
بىلىمى مول لېۋەنلە.

سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق ،
بولغاچ تاغدەك ھۆرمېتىم.
نەزمە يازدىم باھاردا،
بىلگەچ سىرداش ئۈلپېتىم.

قوشاق كەتتى بىر شىڭگىل ،
مېڭىپ ئەجدات ئىزىدىن .
دوستلار ئۈچۈن قەلبى باغ ،
گۈزەل تاجىك قىزىدىن .

تۇردىڭىزمۇ سالامەت،
شائىر سىڭلىم چىمەنگۈل.
رىشتىمىزنى چاتتى چىڭ ،
‹‹بارسا كەلمەس ئۇزاق يول››.

ئەجرىڭىزدىن تەۋەللۈت،
بىلىم كانى كىتاپلار.
قولىڭىزغا گۈل ئۈنسۇن،
ئاللاھ بولۇپ مەدەتكار.

سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق ،
قېرىندېشىم ئايسىمە.
ئۆمرىڭىزگە قۇت تىلەپ ،
ئاقتۇدىكى ئامىنە.

سالام قىلدىم نەۋرۇزلۇق ،
ئايقۇت بىلەن زۇلپىيە.
سىلەر يازغان يازمىلار،
بولدى ئەلگە تەربىيە.

جېنىم دوستۇم ساجىدە ،
سالام قىلدىم ئېگىلىپ .
ئاقتۇرۇمغا كېلەرسىز ،
گۈل سەۋسەندەك ئېچىلىپ .

سالام سىڭلىم مېھرىنۈر ،
چېھرى ئايدەك دىل قىزى .
چاقناپ تۈرۇڭ نەزمېدە ،
بولۇپ قەشقەر يۈلتۇزى .

سالام سىڭلىم تۈنىساگۈل ،
ئاۋازىڭىز يېقىملىق .
كۆپكە ماھىر شائىر سىز ،
يېزىپ تۇرۇڭ تېتىملىق .

يىراق ئەمەس ئارىمىز ،
جېنىم سىڭلىم ئادالەت .
يوقلىيالماي ۋاختىدا ،
بولدۇم بەكلا خىجالەت .

سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق ،
ئاقىل سىڭلىم گۈلبوستان .
قەشقەرنىڭ ئوز ، لەيلىسى ،
باغرى دەريا ، گۈلۇستان .

دىل تارىمنى چېكېدۇ
سىلەر پۇتكەن نەزمېلەر.
دەستۈر بولسۇن قىزلارغا،
بىز قۇرىغان بەزمېلەر.

2016-يىل 3-ئاينىڭ 19- ئاقتۇ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 22:21:51
ئايال شائىرلاردىن ھىچ بىر جاۋاپ يوققۇ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 22:29, Processed in 0.114292 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش