تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 0

سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

5

دوست

1468

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
644
مۇنبەر پۇلى
757
ئىشەنىچ
644
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 15:16:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

باھار كېلىپ،يۇرتىمىزنىڭ باغرى ئىللىدى،
سوقۇشماققا تەييارلانغان خوراز چىللىدى.
بارچە قەۋم يېڭى يىلنى قۇتلاپ كۈيلىدى،
      «نەۋرۇز»ئۈچۈنھەممە تىنەش،كۈلۈپ يايرىدى.
«نەۋرۇز»كېلىپ قۇشلار بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

تالاي ئەسىر ئۆتۈپ بىزگە  بولدى تەۋەرۈك،
خاسىيەتلىك «نەۋرۇز»ئىشقى-خەلقىمگە بۈيۈك.
ئۆچ-ئاداۋەت يۇيۇلغاچقا قەلپلەر-سۈزۈك.
«زاراخەتمە» ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتىلغان ئوزۇق.
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

«ئاققۇزائېيى»باشلىنىپ،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن،
شۇبۇ كۈنى«نەۋرۇز»نى ئەل-يۇرت قېنىپ كۈيلەشكەن.
ساخاۋەتنى ئۇلۇغلاپ،بىخىللىقنى چەكلەشكەن...
ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار،ئادىللىقتا بەسلەشكەن...
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

يېڭى يىلنىڭ شەنىگە ياڭرار«نەۋرۇز ناغرىسى»،
ئىشلىنىدۇ ھەرياقتا قىزغىن-«نەۋرۇز تازلىقى».
مۇدھىش سوغنى قوغلۇشۇپ،كۈلەر«نەۋرۇز نازلىقى»،
ئاجىزلارنى،چوڭلارنى يوقلاش-«نەۋرۇز ئادىتى»،
   شۇ خۇشاللىق كەيپىدە قۇشلار زوق-شوخ سايرىدى.

ئانىلارمۇ بوش كەلمەس «نەۋرۇز ئېشى» ئېتىشىپ،
بۇغداي،ئارپا،قوناق ھەم نوقۇت،تېرىق سېلىشىپ.
گۇرۇچ،ماش ھەم پۇرچاقمۇ پىشىپ چىقار سېڭىشىپ،
  نەۋرۇز ئەھلى مەزىقىپ ئۆتەر تەمىن تېتىشىپ...!
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

«نەۋرۇز سۈيى»تەييارلاپ ھارماس ئىشچان ئانىلار،
چىلان،شاپتۇل قېقى ھەم گۆش تەييارلار ئاتىلار.
بوش كەلمەيدۇ سامساق ۋە سىركە،جىگدە،چوققىلار،
ئۇندا مەمنۇن،شادىمان،قىز-ئوغۇل ھەم بالىلار،
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

مانا بۈگۈن قىززىدى يۇرتتا «نەۋرۇز سەيلىسى»،
مەھەللىلەردە قاينىدى كاتتا«نەۋرۇز پەتىسى».
ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار قىلدى«نەۋرۇز بەيگىسى،»
چىلىشچىلار  سەپ تۈزۈپ،چىقتى«نەۋرۇز سەركىسى.»
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

ئەلنەغمىچى نەۋرۇزلۇق نەغمە-ناۋا ئوقۇشتى،
داستانچىلار باھارغا بېيت-قوشاقلار توقۇشتى.
قوچقار،خوراز مەيداندا ھەۋەس بىلەن سوقۇشتى،
قىزلارمۇ بوش كەلمەستىن گۈل-كەشتىلەر توقۇشتى.
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

مەزمۇنى مول «نەۋرۇز»نىڭ،ئېيتسا ھەرگىز تۈگۈمەس،
«نەۋرۇزبۇلاق»كۈيلىرى ئەل ئىچىدە ئۆكسۈمەس.
ئىتتىپاقلىق،ئۆملۈكمۇ ئۇنىڭسىز ھېچ كۆكلۈمەس،
ئۇنىڭ بىلەن مول-ھوسۇل ئارمانلىرى تۈگۈمەس.
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.



2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

نۇرۇزئۇلۇغ، نۇرۇز خىسلەتلىك

ئاپتورى :تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
  (1)
باھار كىلىپ ئىللىدى جاھان،
ئەگۈزلەردىن يۇيۇندى داۋان،
دىل كىرلىرى تازلىنىپ پاكىز،
نۇرۇزنامە يىزىشتۇق راۋان.
نۇرۇز كەلدى، كۈلدى تەبىئەت،
دىل قەسىردىن كەتتى ئاداۋەت.
ئەجدادلاردىن ئۇدۇم ئەۋلاتقا،
داۋاملىشىپ كەلدى ساخاۋەت!
ئوغلاق تارتىپ بارار دادىلار،
نۇرۇز ئېشى ئىتەر ئانىلار.
«ۋاللەي»توۋلاپ ئوينار بالىلار،
ئاڭا تەڭكەش نۇرۇزنامىلەر.
تال-چىۋىقنى ئات ئېتىپ مېنىپ،
چېپىپ ئوينار نۇرۇز بالىسى.
«ئودىكام ھەم تاشتەمەك ئويناپ-
قىزىپ كىتەر سۆيگۈ دالىسى.»
نۇرۇز ئۇلۇغ،نۇرۇز خىسلەتلىك،
خىسلىتىدىن كۈلدى جانلىقلار.
تەبىئەتمۇ پاكىز يۇيۇنۇپ،
سوۋغا قىلار ئەلگە بايلىقلار.
سىلەت ئۈچۈن ئامانلىق تىلەپ،
كۈلۈپ كەلدى نۇرۇز بوۋاڭلار.
قىر بېشىدا ساقلاپ ئولتۇرار،
پوتا تۇتۇپ ئۇلۇغ موماڭلار.
يۇلۇڭلارغا چاچقۇ چاچاي مەن،
موماڭلارغا ئالغاچ كىتىڭلار.
پوتا تاشلاپ،بېيت ئۇقۇشۇپ،
ئىناقلىققا گۈلخان يېقىڭلار!
(2)
          نۇرۇز بوۋاي:   
دەرە ئېلىپ كەلدىممەن،
دىلنى-دىلغا ئۇلاي دەپ.
نۇرۇز قىزى-باھارنىڭ
پاك قەلبىنى ئۇتاي دەپ.  
       نۇرۇز قىزى—مۇئەللىمە:
نۇرۇز بوۋا، خۇش كەپسىز،
مىنى چىللاپ ھارماپسىز.
بىزگە ئامەت ياغدۇرۇپ،
كۈڭۈللەرنى ئوۋلاپسىز.
      نۇرۇز نەۋرىلىرى:
باھار قىزى- ئۇستازىم،
بىزدىن سىزگە مىڭ تازىم.
دەرىڭىزگە ھەمراھمەن،
سىزگە تەڭكەش ئاۋازىم.
         نۇرۇز نەۋرىسى-ئۇغۇل:
غونچىلارغا  بۇ ئۇيۇن،
ئېچىپ كەلدى كەڭ قۇيۇن.
قېنى باھار پەرۋانىسى-
سىزگە سىرداش بۇ سۇرۇن.
نۇرۇز نەۋرىسى-قىز:
مەن باھار پەرۋانىسى،
سىز ئۇغۇل خۇۋەينىسى.
دەرە تۇتقان كۆڭلىڭىز،
كۈڭۈل كۆزى جانانىسى.
قېنى نۇرۇز نەۋرىسى،
گۈل باھارنىڭ پەرىسى.
دەرەم سىزگە تاشلاندى،
گۈل ھايات پەرۋانىسى.
باھار قىزى-مۇئەللىمە:
رەھنەت سىزگە گۈل غۇنچەم،
ئوينايلى بىز شوخ سەنەم.
ئىشنىڭ بېشى  باھاردىن،
تاشلايلى بىز چوڭ قەدەم.
نۇرۇز نەۋرىلىرى:
گۈل باھاردىن باشلىنار،
خۇشبۇي چېچەك گۈلخانىسى.
بەلنى مەھكەم باغلىسۇن،
ئەل پەرۋانىسى،مەردانىسى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:36, Processed in 0.135819 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش