نورۇز كەلدى
ئابلىز ئوبۇل فونتان
بۇت-بۇت چالدى بالىلار نورۇز كەلدى، گۈلگە تولدى دالىلارنورۇز كەلدى.
بۇلبۇل سايراپ باغلاردا خەندان ئۇرۇپ،
زەپ خۇشپۇراق لالىلار نورۇز كەلدى.
قابىل دېھقاننىڭ ئوغلى كەتمەن چاپتى ،
ساپان سۆرەپ كالىلار نورۇز كەلدى .
قان -قېنىغا پاتماستىن قىز چاچ سېلىپ،
سۆيۈندى دىل خانىلار نورۇز كەلدى.
ئات ئۈستىدە ئوغلاقنى تارتىپ يىگىت،
ماھاز بولغان دادىلار نورۇز كەلدى.
ئۇسسۇل ئويناپ شاد-خۇرام نەزمە بىلەن،
ھەر بىر دىلدا يادلىنار نورۇز كەلدى .
|