بۇ يىل پەقەت ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالتۇنغا نىسبەتەن پايدىلىق
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى FOMC نىڭ 3-ئايلىق يىغىنى ئاياغلىشىپ، بازار مۆلچەرىدىكىدەك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى، لېكىن ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى رېشاتكا دىئاگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى 2 قېتىمغا تۆۋەنلىتىلدى، ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا بۇ يىل 4 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرلەنگەن. پۇل سىياسىتى باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، CME گۇرۇھى FEDWatch قورالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەڭ يېڭى فېدېراتسىيە فوندى قەرەللىك مال ئۆسۈم نىسبىتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، سودىگەرلەر، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتىنى % 69.7 مۆلچەرلىگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى % 50 مۆلچەرلەنگەن. خۇيفىڭ بانكىسى (HSBC) مۇنداق دەپ قارىدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل پەقەت ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالتۇنغا نىسبەتەن سەل پايدىلىق. بۇلتۇر ئالتۇن بازىرى پۈتۈن بىر يىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى بېسىمىغا ئۇچرىغان، ئەمما 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى 5 يېرىم يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان.
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار
پەيشەنبە ياۋرۇپا بازىرىدا، قەرەللىك نېفىت باھاسى كۈچلۈك ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كىلىشىمى توغرىسىدا يىغىن ئېچىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، نېفىت باھاسى داۋاملىق تىرەشلىككە ئېرىشتى.
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى ئىران بۇ يىغىنغا قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن، دېڭىز بويىدىكى OPEC ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر كىلەر ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ھازىرقى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ رەئىسى، قاتار ئېنىرگىيە مىنىستىرى سادا (Mohammed Bin Saleh Al-Sada) نىڭ تۈنۈگۈن ئېيتىشىچە، OPEC ۋە OPEC غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 4- ئاينىڭ17- كۈنى مەزكۇر دۆلەت پايتەختىدە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدراتسىيسى (FED) ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشى ھەمدە بۇ يىل 2 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈردىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىشى، ئىلگىرىكى مۆلچەردىكى 4 قېتىم ئەمەسلىكى، بۇمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. ئېنىرگىيە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش فوندى Again Capital ھەمكارلاشقۇچىسى John Kilduff ئىپادە بىلدۈرۈپ، " تۈۋەن تەنەرختىكى مەبلەغ تاۋار بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پايدىلىق، ئامېرىكا فېدراتسىيسى نېفىت بازىرىدا ئۆسۈش مېلىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېڭى بىر ئاساس بىلەن تەمىنلىدى." دەپ كۆرسەتتى. ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە بانكىسى سەھەر گېزىتىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ" ئامېرىكا زاپاس مىقدارىنىڭ ئېشىش دائىرسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى، بۇمۇ نېفىت باھاسىغا تىرەشلىك ئېلىپ كەلدى." دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئېنىرگىيە باش مەھكىمىسى (EIA) چارشەنبە ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى ئۇدا بەشىنچى ھەپتىلىك يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن. 3- ئاينىڭ11- كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 1 مىليون300 مىڭ باك ئېشىپ، 5.232 مىليارد باك بولغان، ئېشىش دائىرسى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 3 مىليون 400 مىڭ باك ئېشىشتىن خېلىلا يىراق بولغان. بېيجىڭ ۋاقتى15:30 دا ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.19 ئۆسۈپ، 40.81 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %2.03 ئۆسۈپ، 39.24 دوللار/باك بولدى.
ئامېرىكا بۇ يىل ئۆسۈم ئۆستۈرسە ئالتۇن باھاسى يەنىلا بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن
3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالتۇن بازىرى 1230 دوللار ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىننىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاخىرقى ھېسابتا نۆۋەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاپ قالدى، ئەمما قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى. گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بازار ئومۇميۈزلۈك بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، يېلېننىڭ يىغىندىن كېيىنكى سۆزى بازارغا تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر بۇ يىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنىلا ئۆسۈم ئۆستۈرسە، ئالتۇن باھاسى تېخىمۇ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن. گېرمانىيە سودا بانكىسى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىدىن باشقا، بازارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل پاخاللىقى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىپادىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرگە تۈرتكە بولدۇ، ئارقىدىنلا يەنە ئالتۇن بازىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛ بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4961يۈەن؛ ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛ ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
|