خوتەن «بىلىپ»ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى «8- مارت» ئاياللار بايرىمىدا پاكلىق ئەلچىلىرىدىن ھال سورىدى
2016- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتە خوتەن «بىلىپ»ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى ساخاۋەتچىلەرنىڭ پائال قوشۇشى، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كارخانىچىلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئارقىلىق 《8- مارت》 ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەن شەھەر «بابا مۇزىكىلىق رېستۇرانى»دە چاي تەييارلاپ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق شەھرىمىزنىڭ مۇھىت پاكىزلىقى ئۈچۈن ئۈن- تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان شەھەرلىك مۇھىت تازىلىق باشقارمىسىدىكى «پاكلىق ئەلچىلىرى» قوشۇنىدىكى ئايال تازىلىق ئىشچىلىرى ۋەكىللىرىدىن ھال سورىدى. پائالىيەتكە «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپىنىڭ بىر قىسىم پىدائىيلىرى، ئايال تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ 35 نەپەر ۋەكىلى قاتناشتى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئىتىپاق كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يەن ۋېي، خوتەن شەھەرلىك مۇھىت تازلىق باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەتتە خوتەن ۋىلايەتلىك ئىتتپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يەن ۋېي سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن شەھرىمىزنىڭ مۇھىت تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان «پاكلىق ئەلچىلىرى»نىڭ «8- مارت» ئاياللاربايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ خالىس تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.«بىلىپ»نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قانات ياغدۇرغان بىر قاتار ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. خوتەن «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپىنىڭ يىتەكچىسى ئادىلجان ئابدۇغېنى سۆز قىلىپ «بىلىپ»ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن خوتەن شەھەر مۇھىت ئاسىراش ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ھالال مېھنىتى بىلەن شەھەرىمىزنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن ئۈن- تۈنسىز ھالدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك پاكلىق ئەلچىلىرىنىڭ «8- مارت» ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلارغا چىن يۈرەكتىن چىققان ھۆرمەت سالىمىنى يوللىدى. رەھمىتىنى بىلدۈردى. پاكلىق ئەلچىلىرى بولغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن ئوپچە تاماقلانغاچ ئۇلارغا ئەمگەك مۇداپىيە بۇيۇملىرى، بەدەن- چاچ سوپۇنلىرى، تېرە ئاسراش مايلىرى ۋە ياغلىق قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى تەغدىم قىلدى. پائالىيەت داۋامىدا «بىلىپ» پىدائىيلىرى ئايال ئىشچىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھال- ئەھۋاللىشىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپتە تارتىنىپ ئولتۇرۇشقان مېھمانلار بىردەمدىلا ئۆزلىشىپ، كەڭ- كۇشادە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. پىدائىلار ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. خوتەن 《بىلىپ》ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنى قوللىغان كارخانىچىلاردىن «مىڭ يىل» ئۆي جاھازىلىرى شەھەرچىسى، «بىر سىكۇنت»ئېلانچىلىقى، «بابا مۇزىكىلىق رىستۇرانى»غا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەشەككۈرنامە تەغدىم قىلدى. خوتەن شەھەر مۇھىت ئاسراش باشقارمىسى مەسئۇللىرى «بىلىپ»نىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ تەشەككۈرنامە تەغدىم قىلدى. ئالدىقى مەزگىلدە «بىلىپ»نىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى تۇراخان چەكسىزھاياجان ئىچىدە ئىشداشلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ «بىلىپ»كە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. پائالىيەت جەريانىدا بىر تەرەپتىن تاماق يىيىشكەچ يەنە سوئال- جاۋاپلىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئارقىلىق مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ قىزغىنىلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاخىرىدا «بىلىپ» پىدائىيلىرى بىلەن بۇ «پاكلىقى ئەلچىلىرى»بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ پائالىيەتنى يەنىمۇ بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
ئۇنتۇلماس خاتىرە 
ئۇنتۇلماس خاتىرە 
ئۇنتۇلماس خاتىرە 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
شاتلىق تەنتەنىسى 
تەشەككەر 
خاتىرە 
سۇئالغا جاۋاپ بەردى 
تەقدىم قىلىش 
تەقدىم قىلىش 
تەشەككۈر 
تەشەككۈر 
خاتىرە 
خاتىرە 
ئادىلجان سۆز قىلماقتا 
يەن ۋېڭ شۇجى سۆز قىلماقتا 
پىدائىلار ۋە مىھمانلار 
مىھمانلار 
پائالىيەت باشلاندى 
پىدائىلار ۋە مىھمھنلار  |