تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 823|ئىنكاس: 6

«شىنجاڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

96

تېما

0

دوست

712

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
106
مۇنبەر پۇلى
323
ئىشەنىچ
106
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 11:59:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى رىئاللىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىياتنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئىچىدە يىلتىز تارتىپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىقى تۇرغۇسىدا تۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى جەريانىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىدىيەۋىيلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىرلەشكەن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا موللاشتۇرۇش ۋە قانائەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
   ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ كۆنكىرىت چارىسى تۆۋەندىكىچە:
   1.پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى
    ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ باش تېمىسى ــ نۆۋەتتىكى رىئاللىق چىقىش قىلىنغان، رىئال تېمىدىكى ئەسەرلەر ئاساسىدىكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەقىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىش ۋە نەتىجىلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىۋاتقانلىقىدەك تارىخى تەرەققىيات جەريانى ئىپادىلەنگەن، ھەر مىللەت خەلقىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەنىۋى قىياپىتى نۇقتىلىق يېزىلغان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ئاساسلىق تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك يادىرولۇق قىممەت قارشى، شىنجاڭ روھى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى پائالىيىتى مەدھىيەلەنگەن، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق - تەربىيەسى، «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ شىنجاڭ قىسىمى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنىپ يېزىلغان ئەسەرلەر، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە چوڭ تىپتىكى، تارىخى ئىنقىلاۋى، مىللى تېمىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان ئەسەرلەردىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
   2. ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى
   قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، بالىلار ئەدەبىياتى، كېنو-تېلېۋىزىيە سىنارىيەسى، دىرامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   3.قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ
   (1) 2015-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا يېڭىدىن يېزىپ تاماملانغان ۋە نەشرىياتلاردىن نەشردىن چىققان ھەم ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر، يەككە ئەسەر ياكى كىتاب ھالىتىدە ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە بىر ئاپتور پەقەت بىرلا پارچە ئەسىرىنى قاتناشتۇرىدۇ. يېڭىدىن يېزىلغان ئەسەرنىڭ پرىنتېر نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچە، نەشر ۋە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاب ھەم ژۇرنال نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچىدىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
   (2) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر ــ ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.
   (3) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ مۇددىتى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
   4.خىزمەت تەقسىماتى
   (1) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەسەر قوبۇل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
   (2)جايلاردىكى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاساسىي قاتلاملارغىچە ھەركەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائى كۈچلەرنى پائال قوزغتىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت مىقياسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاكتىپ ھالدا ئەسەر قوبۇل قىلىش، كەڭ ئاپتورلارغا ئىلھام بېرىپ بىر تۈركۈم باش تېمىسى روشەن، ئىدىيەۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىرلىككە كەلگەن ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
   5. پائالىيەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى
  (1)باشقۇرغۇچى ئورۇن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
  (2)ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
   مۇدىر:
   لى شۈجۈن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى)
  مۇئاۋىن مۇدىرلىرى:
خۇاڭ يوڭجۈن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى)
   ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
ئەزالىرى:
   غەيرەت ئاسىم (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)
   دوڭ لىبو (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى)
   نيۇ يۈەنفېڭ (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى)
   ئالىمجان ھاپىز (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)
   ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
   6.ئەسەر قوبۇل قىلىش شەكلى
   (1) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى: 1135971793@qq.com
   ئالاقىلاشقۇچى: مېھراي تېلىفون : 0991-4510785
   (2) خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى: 2596176980@qq.com
   ئالاقىلاشقۇچى: جاڭ روڭ تېلىفون : 0991-4506751
   (3) باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى: 1559338487@qq.com
   ئالاقىلاشقۇچى: قاناتگۈل تېلىفون : 0991-4511231
   (4) يېڭىدىن يېزىلغان ئەسەرنىڭ پرىنتېر نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچە، نەشرىياتلاردىن نەشر ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاب ھەم ژۇرنال نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچىدىن ئەسەرنى ئەۋەتىش ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى. پوچتا نومۇرى: 830000
   (5) ئەسەرگە چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى يېزىلغان بولۇشى، قىسقىچە تەرجىمھالى بىلەن ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئېلخەت، تېلېفون نومۇرى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك.
   (6) كەلگەن ئەسەرلەر بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ، ئاپتورلارنىڭ ئۆزىدە ئارگىنال ساقلىۋېلىشىنى سورايمىز.
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
2008218171412282_2 拷贝副本.jpg

197

تېما

1

دوست

6469

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3232
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
3232
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 15:57:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇپتۇ.........

17

تېما

8

دوست

1633

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تۇرۋاتقان يىرىم سانجى شەھرى داشىچۈبازىرى
تۆھپە
346
مۇنبەر پۇلى
1266
ئىشەنىچ
346
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 21:08:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 15:57
ياخشى بۇپتۇ.........

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا؟؟؟؟؟

12

تېما

3

دوست

2783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
2213
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 10:23:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى خەۋەر ئىكەن .

3

تېما

10

دوست

1199

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
831
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 22:31:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxika. baxkurhuqi.  kadirlarha    rahmat

97

تېما

0

دوست

1657

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
430
مۇنبەر پۇلى
998
ئىشەنىچ
430
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 19:13:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خۇشخەۋەر ئىكەن!!

0

تېما

5

دوست

995

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمتىمىن
تۆھپە
293
مۇنبەر پۇلى
683
ئىشەنىچ
293
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 20:01:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى خەۋەر ئىكەن .
مەمتىمىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-9-1 04:29, Processed in 0.139971 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش