يازدىڭ دېمە ئازادجان ئىبراھىم ئىزلىرىدىن گۈل ئۈنگەننى يازدىڭ دېمە، ئەۋلات ئۈچۈن كۆيۈنگەننى يازدىڭ دېمە. ئاۋام ئۈچۈن قان تەرتۆكۈپ ئۆتكەنلەرنىڭ، ئىشلىرىدىن سۆيۈنگەننى يازدىڭ دېمە. كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى نۇر چاقنىتىپ، چولپان بولۇپ كۆرۈنگەننى يازدىڭ دېمە. تولا تارتىپ يەنە ۋىژدان ئازابىنى، مىڭلاپ ئۆلۈپ تىرىلگەننى يازدىڭ دېمە. يوقاتقاچقا ئەل ئىچىدە قىممىتىنى ، ياخشىلاردىن بۆلۈنمگەننى يازدىڭ دېمە. ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ، ئەمگەكلىرى كۆمۈلگەننى يازدىڭ دېمە. تاللىماستىن باشتىن -ئاخىر توغرا يولنى ، خاتالىشىپ سۈرۈنگەننى يازدىڭ دېمە. نەپ بېرىشنى بىلمەي پەقەت ئالىمەن دەپ، ئۆزنەپسىگە بېرىلگەننى يازدىڭ دېمە. ئەۋلاتلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي، تاپقىنىغا كىيىنگەننى يازدىڭ دېمە. كۆپ تىرىشىپ ئىلم-پەننى ئۆگەنمەستىن، سەت غادىيىيىپ كېرىلگەننى يازدىڭ دېمە. ئايرىلغاچقا ئەل يۇرتىدىن ۋەتىنىدىن، يۈرەك باغرى ئېزىلگەننى يازدىڭ دېمە. ئېلىپ چىقماي بىرئىشلارنى ئاخىرىغا، ئۈمۈتلىرى ئۈزۈلگەننى يازدىڭ دېمە. ھەممە يەردە ئىشلىرىدىن،ئىستىلىدىن، كۆپ مەسىلە كۆرۈلگەننى يازدىڭ دېمە. ياخشىلارنى كۆرەلمەي ھەسەت قىلىپ، قىلمىشلىرى سېزىلگەننى يازدىڭ دېمە. كۆپ ئالدىنىپ ساختىپەزگە،ئالدامچىغا، تالاي قېتىم قويۇلغاننى يازدىڭ دېمە. سەرىپ قىلىپ بىلىم ئۈچۈن بار زېھنىنى ئىجادىدىن تونۇلغاننى يازدىڭ دېمە. ئۆزگىلەرنىڭ ھالال ئىشلەپ تاپقىنىنى، يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغاننى يازدىڭ دېمە. ياخشىلاردىن ،ئېسىللەردىن تەلىم ئالماي، تاپتىن چىقىپ بۇزۇلغاننى يازدىڭ دېمە. ئۆز ئېلىگە ،ئۆز خەلقىگە ۋاپا قىلماي، ئاۋامغا سەت كۆرۈنگەننى يازدىڭ دېمە. چاغلىيالماي ئۆزلىرىنى شىلتىڭ ئېتىپ، ئىش ئۆتكەندە يېلىنغاننى يازدىڭ دېمە. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈنەس |