خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ «مەدەنىي غىزالىنىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!» دېگەن تېمسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋەلىجان جاپپار خەۋىرى، فوتوسى: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەخلاقىي-تەربىيە بۆلىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 300 دىن ئارتۇق ياتاقتا ياتىدىغان ۋە چۈشتە غىزالىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «مەدەنىي غىزالىنىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!» دېگەن تېمىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتتە مەكتەپ مۇدىرىمىز سەمەتجان سامساق، سېكىرتارىمىز لى چىڭ بو قاتارلىقلار ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ، غىزالىنىشتا مەدەنىيەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلدى. ئاخىرىدا ئەخلاقىي-تەربىيە بۆلىمىنڭ مۇدىرى گۈلبوستان مويدۇن بىر نەچچە تۈرلۈك چاقىرىقنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى. ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇندىن كېيىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك بولۇشنى ئۆزىدىن باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
|