تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 5

شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

451

تېما

3

دوست

4751

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
766
مۇنبەر پۇلى
2670
ئىشەنىچ
766
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 11:04:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلار
تىرىشقانلار
ئازادجان ئىبراھىم

ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويالىسا،
قەيسىرانە، ئىرادىلىك بولالىسا،
ھەممە ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلالىسا،
ئەلدىن كېيىن قالمايدىكەن تىرىشقانلار.

قولۇم قىسقا ماڭا ياردەم قىلىڭلار دەپ،
ھالىمدىن دائىم خەۋەر ئېلىڭلار دەپ،
ئاش ، نېنىمنى تەييار قىلىپ بېرىڭلار دەپ،
ئېغىرىنى سالمايدىكەن تىرىشقانلار.

ئۆزۈمنىڭكى بىر ئۆزۈمگە يېتىدۇ دەپ،
كەڭرى بولساڭ كۈنۈڭ خۇشال ئۆتىدۇ دەپ،
پەسكەشلىكتىن يۈز ئىناۋەت كېتىدۇ دەپ،
ئەلدىن پايدا ئالمايدىكەن تىرىشقانلار.

بىكار ياتماي مېھنەت قىلىپ ئىنتىلىشنى،
باشقىلاردەك  چىن ئىنسان بوپ يېتىلىشنى،
كىچىكىدىن ئۆزىگە چىڭ ئۇل سېلىشنى،
ھېچ ئىشقا تەڭ قىلمايدىكەن تىرىشقانلار.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى
رەھمەت دېگىن

قول ئىلكىڭدە مال بىساتىڭ قالمىغاندا،
رەقىپلىرىڭ نەزىرىنى سالمىغاندا،
بەت نىيەتلەر ئارامىڭنى قويمىغاندا،
ساڭا ياردەم قىلغانلارغا رەخمەت دېگىن.

ۋاپاسىزلار يېرىم يولدا  تاشلىغاندا،
كۆرەلمەسلەر ئىللىق چىراي ئاچمىغاندا،
بۆلگۈنچىلەر ئارىسىغا قاتمىغاندا،
سېنى يوقلاپ تۇرغانلارغا رەھمەت دېگىن.

ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلدىڭىز دەپ،
بىزگە ئىللىق مېھرىڭىزنى بەردىڭىز دەپ،
ياخشىلىقتا كۆپنى خۇرسەن قىلدىڭىز دەپ ،
قولۇڭغا سۇ قۇيغانلارغا رەھمەت دېگىن.

نېمە دېسەم گېپىمنى ئاڭلايدۇ دەپ،
باشتىن- ئاخىر خاتا يولدا ماڭمايدۇ دەپ،
ئالتۇن كۆرسە كۆزقىرىنى سالمايدۇ دەپ،
سېنى ياخشى كۆرگەنلەرگە رەھمەت دېگىن.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى


راست سۆزلىسەڭ

ئالمىغاننى ئۆزگىلەرگە ئالدىم دېمە،
ساغلام تۇرۇپ  كېسەل بولۇپ قالدىم دېمە،
ئەجىر قىلماي ھېرىپ ئاچتىم تالدىم  دېمە،
ھەممە ئادەم ئىشىنىدۇ راست سۆزلىسەڭ.

ئۆزگىلەرگە بىلمىگەننى  سۆزلىمىگىن،
يالغان سۆزلەپ بىر شۇملۇقنى كۆزلىمىگىن،
مېنىڭ راست دەپ ئەلدىن نۇقسان ئىزدىمىگىن،
دوست يارەنلەر چۈشىنىدۇ راست سۆزلىسەڭ.

ئاقنى كۆرسەڭ قارا دېمەي ئاق دېسەڭلا،
ھەقىقەتنى ناھەق دېمەي ھەق دېسەڭلا،
تېنى ساقنى كېسەل دېمەي ساق دېسەڭلا،
ئاۋام ساڭا يۈكىنىدۇ راست سۆزلىسەڭ.

سۆزلىرىڭگە يالغانلارنى قاتمىساڭلا ،
ئۆزگىلەرنىڭ كەينىدىن گەپ تاپمىساڭلا،
ھەممە يەردە ئىززىتىڭنى ساقىساڭلا،
دوستلار ساڭا ئىنتىلىدۇ راست سۆزلىسەڭ.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى

21

تېما

5

دوست

1640

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
386
مۇنبەر پۇلى
982
ئىشەنىچ
386
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 13:57:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور شېرلاركەن قەلىمىڭزگە بەركەت تىللەيمەن

451

تېما

3

دوست

4751

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
766
مۇنبەر پۇلى
2670
ئىشەنىچ
766
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 19:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت!داۋاملىق ئىنكاسلار يېزىپ تۇرۇڭ!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 23:07:38
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور شېرلاركەن

190

تېما

1

دوست

6337

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3197
مۇنبەر پۇلى
2563
ئىشەنىچ
3197
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 16:13:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاتجان باياتىن بېرى سىزنىڭ بىر نەچچە پەرچە ئۆگۈتلىك شىئىرىڭىزنى ئۇقۇپ،تۇلىمۇ ھۇزۇرلاندىم،قارىغاندا سىز شىئىر بۇلىغى ئۇخشايسىز،شىئىر بۇلاقلىرىڭىز چاڭقىغان دىللارغا ھەقىقىي ئۇزۇلۇق بەرگەي.............

451

تېما

3

دوست

4751

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
766
مۇنبەر پۇلى
2670
ئىشەنىچ
766
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 17:41:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بەك ماختىۋېتىپسىز!سىزگىمۇ خوشاللىقلار ياربولسۇن!داۋاملىق تەنقىدىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرۇڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-3-27 02:14, Processed in 0.123784 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش