ئەلۋىدا ئۇستاز
ئامىنە ئابدۇۋايىت
ئۈندىداردىن كۆرگىنىمدە شۇم خەۋەرنى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمىدىم - ئىشەنمىدىم. بۇغۇچلانغاچ سەزگۈلىرىم ، ئەقلىم بىلەن ، ‹‹ شائىر ›› دېدىم : ئېسەدېدىم - ئېسەدېدىم .
كەچتى مېنىڭ خىيالىمدىن ئۆسمۈرلىكىم ، تىلى تاتلىق شائىر دېدىم قۈربان بارات . يۈرىگىمگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلغانتى ، شېئىرلارنىڭ گۈلتاجىسى - ‹‹ يېشىل ھايات ›› .
ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم كۆرمىسەممۇ ، ‹‹ ئاق روماللىق پەرىزات ›› نى ئوقۇغان مەن . ‹‹ تاغ سۈيى ›› دەك سۈزۈك ، راۋان مىسرالاردىن ، سۆز ئۈستىسى، شائىرىم دەپ تونىغان مەن .
رىياللىقنى تەن ئالماسقا يوقتۇر چارە ، بىزمۇ ھامان بىر كۈنلىرى كېتىمىزغۇ ؟! سىز شۇ ‹‹ قىزىل ئەتىر گۈل ›› نى پۇراپ تۇرۇڭ ، ئارقىڭىزدىن ھامان بىر كۈن يېتىمىزغۇ؟!
‹‹›› تىرناق ئىچىگە ئېلىنغىنى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى 2016-يىل 3- ئاينىڭ 6- كۇنى ئاقتۇ |