تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 2

قەشقەردە «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
199
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 19:58:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى
1.JPG


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ:  قەشقەرۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق ماي چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە  شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتى پۇتبول مەيدانىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇنجان ياسىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ شىنخۇڭ قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلدى. رېپىرلارۋەكىلى، پۇتبولچىلار ۋەكىلى قەسەم بەردى. باشلىنىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى، تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرى، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى، ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ئابلىكىمجاندىن ئىگىلىشىچە، نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى3-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى19 كوماندا 46 مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىكەن. مۇسابىقە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇسابىقە ياش ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلار گورۇپپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئۈچ دەرىجە بويىچە 24مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.
شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مىرئەخمەت ھاجى زۇنۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى:«شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىز دائىرسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، شۈبھىدىن خالىي، ئەلنۇر، يۇلتۇز، ئانارگۈل قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى گۈرۈچ، ئەلنۇر ماركىدىكى زاراڭزا، قىچا، گازىر مېيى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ كېلىۋاتقان باشلامچى، سەركەردە كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىز جەمئىيەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن كىچىكلىكتىن زورىيىپ، زور ئەمەلىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە داڭلىق شىركەتكە ئايلاندۇق. بۇ پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى، جۈملىدىن قەشقەر پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىز، جۇملىدىن مەملىكەتلىك تۈرلىك مۇسابىقىلەردە چىمپىيون بولۇپ، ۋىلايتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈردى. ئىلگىرى بىز نۇرغۇن قېتىم قەشقەر پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى ماددىي مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىركىتىمىز داۋاملىق تەنتەربىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقىقىمىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز».
مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى  شەھەر ئاھالىلىرى، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى، مۇسابىقە كۆرۈشنى خالايدىغانلار كېلىپ مۇسابىقە كۆرسە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن.  

2.JPG


3.JPG


4.JPG


5.JPG


6.JPG


7.JPG


8.JPG


9.JPG


10.JPG


11.JPG


12.JPG

2

تېما

1

دوست

72

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
12
مۇنبەر پۇلى
56
ئىشەنىچ
12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 17:31:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ. بەزى رەسىملەر بەلكىم جىددىيچىلىكتىن بولسا كېرەك سەل مايماق تارتىلىپ قالدىمۇ  - قانداق؟

190

تېما

1

دوست

6337

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3197
مۇنبەر پۇلى
2563
ئىشەنىچ
3197
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 16:06:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق مەيداندىن كۈرەلىگەن بۇلساق نىمە دېگەن ياخشى بۇلاتتى ھە..............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-4-1 02:49, Processed in 0.128817 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش