تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 908|ئىنكاس: 5

ئايال بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

39

دوست

3593

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
تۆھپە
881
مۇنبەر پۇلى
2163
ئىشەنىچ
881
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:45:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال بولسا

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

بۇھاياتلىق گۈلگە ئوخشار ئايال بولسا،
دەشتى-چۆلمۇ باغقا ئوخشار ئايال بولسا،
تۇغما مىيىپ،ياكى مەجرۇھ ئەركەكلەرمۇ،
ھەقىقى بىر  ئەرگە ئوخشار ئايال بولسا.

ئاياللاردىن خۇشلۇق تاپار قېرى ھەم ياش،
ئايال بىلەن بۇ ھاياتلىق بولۇر  ھەم شاش،
ئايال بولسا ھەم بولۇرسەن بىر ئۆيگە باش،
ئەركەكلىكىڭ ئەرگە  ئوخشار ئايال بولسا.

كەپە ئۆيلەر  سارايلاردەك  تۈسكە  كېرەر،
نامرات دېمەي ئۆيگە ھەردەم مېھمان كېرەر،
ئاز مېلىڭغا  تەڭرى  يەنە بەركەت  بېرەر،
ئۆيلىرىڭمۇ ئۆيگە  ئوخشار  ئايال بولسا.

سەپەر قىلىپ دەشتى-چۆل ھەم داۋان ئاشساڭ،
خوتۇن بىلەن بىللە قوپۇپ  بىللە  ياتساڭ،
ھىچ بىلەنمەس مۇساپىر بوپ غەمگە  پاتساڭ،
ئۆڭكۈرلەرمۇ ئۆيگە  ئوخشار  ئايال  بولسا.

بىر كۈنلەردە باشقا  يۇرتقا  كېتىپ قالساڭ،
دەرت ئەلەمدە غەم-قايغۇغا پېتىپ قالساڭ،
قەرىزدار بوپ ئۆي-بىساتىڭ سېتىپ قالساڭ،
قايتا باشلا، ئىشىڭ  ئوخشار  ئايال بولسا.

كۈنلەر ئۆتۈپ  ياشلىقىڭمۇ قولدىن كەتسە،
قېرىلىقىڭ سېنى  ھەردەم  بوزەك  ئەتسە،
بىچارىلىق ھەم  ئاجىزلىق  ساڭا  يەتسە،
قېرىلىقىڭ ئەرگە  ئوخشار، ئايال بولسا.

كېسەل بولۇپ  ياتساڭ ئەگەر  ئورۇن  تۇتۇپ ،
تەسەللىي ھەم ھەمرا بولۇر كۆڭلۈڭ  ئۇتۇپ،
ئۆلۈپ كەتسەڭ يىغلار ھەردەم ماتەم تۇتۇپ،
ئۆلۈمىڭدە‹ھازاڭ› ئوخشار  ئايال  بولسا.

ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن

2016-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى

87

تېما

39

دوست

3593

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
تۆھپە
881
مۇنبەر پۇلى
2163
ئىشەنىچ
881
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 18:16:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىم ئارقىلىق بارلىق خانىم  قىزلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،
تېنىڭلار سالامەت ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي

11

تېما

14

دوست

5821

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايشەم سادىر
تۆھپە
3696
مۇنبەر پۇلى
2799
ئىشەنىچ
3696
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 02:16:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت

197

تېما

1

دوست

6466

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3232
مۇنبەر پۇلى
2636
ئىشەنىچ
3232
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 16:00:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تۇغرا ئىدىيە ،ئەمىلىيەت گەۋدىلىنىپتۇ.بۇ دۇنيا ئايالسىز قاراڭغۇ ھااڭ بۇلسا ئاياللار بىلەن جەنەەتتەك گۈزەلدۇر....

87

تېما

39

دوست

3593

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
تۆھپە
881
مۇنبەر پۇلى
2163
ئىشەنىچ
881
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 19:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
korlayexamaktapayxamsadir يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 02:16
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،

87

تېما

39

دوست

3593

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
تۆھپە
881
مۇنبەر پۇلى
2163
ئىشەنىچ
881
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 19:16:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 16:00
بەك تۇغرا ئىدىيە ،ئەمىلىيەت گەۋدىلىنىپتۇ.بۇ دۇنيا ئاي ...

توغرا دەيسىز ، شېئىرنى ياخشى تەھلىل قىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 10:14, Processed in 0.123980 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش