تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 1

كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

705

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
161
مۇنبەر پۇلى
483
ئىشەنىچ
161
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:19:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئۈچىنچى تۈركۈمدە غورۇچۆل بازىرىنىڭ خەلپەم كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ يەرلىكتىكى ئاممىغا باغ-ئورمانچىلىق تېخىنىكىسىدىن دەرس سۆزلىدى ھەمدە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك باغ-ئورمان پەرۋىش خىزمىتىگەنەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، باغ-ئورمانچىلىقتىن مول ھۇسۇل ئېلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
غوروچۆل بازىرىنىڭ خەلپەم كەنتىدىكى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ 5 مو چىلانلىقى بار بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمى ئاستىدا 20 (يىگىرمە)مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىدى. ئۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ چىلان چاتاش تېخىنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بالدۇرلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، چاتاش تېخىنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.
غوروچۆل بازىرىنىڭ خەلپەم كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇراخمان مەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: غوروچۆل بازىرىنىڭ خەلپەم كەنتى ناھىيە بازىرىغا يىراق كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئاممىسى كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە باغ-ئورمانچىلىققا تاينىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخىنىكىسىنى پۇختا بىلمىگەنلىكتىن، كېرىمى ئومۇميۈزلۈك تۈۋەن ئىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئەڭ موھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي مەشخۇلات قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا باغ-ئورمانچىلىق تېخىنىكىسىنى ئۆگىتىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يۇلۇققان تېخىنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

190

تېما

1

دوست

6337

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3197
مۇنبەر پۇلى
2563
ئىشەنىچ
3197
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 15:49:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچ ئەل خىزمىىتى ئەلنىڭ خىزمىتى،مەن ئۆچ ئەل خىزمىتىنى ئىككى يىل ئىشلەپ يىقىندىلا قايتىپ كەلدىم،ئەمما شۇ ئىككى يىل قەلبىمدە ھەر دايىم چۇغلىنىپ تۇرىدۇ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-4-1 00:18, Processed in 0.117881 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش