خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۇم كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىدىكى « خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ، كېسىم» نىڭ دائىرسى ھەققىدە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تۇرمۇش جەريانىدا قەرز بولۇپ قېلىپ قايتۇرماسلىق ھادىسلىرى گەۋدىلىك بولۇپ بەزى قەرزدارلار قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق قەررزنى قايتۇرمايدۇ. ھەتتا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ، كېسىم قىلغان بولسىمۇ يەنىلا مال مۈلكىنى يۆتكىۋىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ، كېسىمىدە بېكىتىلگەن مەجبۇريىتىنى ئادا قىلماي قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ،ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا قالايمىقانلىچىلىق تۇغدۇرماقتا. قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە بەزى تارماقلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىدىكى « خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ،كېسىم» نىڭ دائىرسى ھەققىدىكى تونۇشى بىردەك بولماي كەلدى. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 29-يىغىندا ماقۇللانغان « مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى› نىڭ 313-ماددىسى ھەققىدىكى ئىزاھات» قا ئاساسلانغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىدىكى « خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ، كېسىم» نىڭ دائىرسى خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم ،كېسىم، تۆلەم بۇيرۇقى، كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامە ، كېسىم قارارى، جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ھەقدارلىق ھۆججەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. كىرىيە ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بەختىيار تۇرسۇن
|