- تىزىملاتقان
- 2016-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-19
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 7

- تۆھپە
- 11
- مۇنبەر پۇلى
- 31
- ئىشەنىچ
- 11
| دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ،كېمەيتىلىشى ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى ھەققىدە
دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى، كېمەيتىلىشى ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى دېگىنىمىز قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن دەۋا ھەققىنى تاپشۇرالماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش ، كىچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش پەقەت تەبىئىي شەخىسكىلا تەدبىقلىنىدۇ، قانۇنى ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا تەدبىقلانمايدۇ . دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا. دەۋالاشقۇچىلار ئىقتىسادى قىيىنچلىق تۈپەيلى دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىدۇ 1) مېيىىپ بولۇپ مۇقىم تۇرمۇش مەنبەسى بولمىسا ؛ (2) بېقىش ھەققى ،بېقىش خىراجىتى ،تەربىيەلەش خىراجىتى ،نەپىقە پۇلى ئىلىش دەۋاسى بولسا؛ (3) ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبېيكىتلىرى ،يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار قەرەللىك قۇتقۇزۇش ئوبېيكىتلىرى ،يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەت ئوبېيكىتلىىرى ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلار، باشقا كىرىمى بولمىغانلار؛ (4) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ياكى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن ،ئۆزى ياكى يېقىن ئۇرۇق تۇغقىنى تۆلەم ياكى تولۇقلىما تەلەپ قىلغان بولسا؛ (5) دەۋا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار. دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا. دەۋالاشقۇچىلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىشى كىرەك: (1) تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ تۈپەيلى تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قېلىپ ،جەمئىيەتنىڭ قۇتقۇزۇشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولسا ياكى ئىشلەپچقىرىش ،تىجارىتىنى تەستە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا؛ (2) دۆلەت بەلگىلىگەن نەپىقە بىرىش ،ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبېيكىتلىرى ؛ (3) ئىجىتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ياردەم بىرىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ؛ (4) ھەقىقەتەن كېمەيتىپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بولسا. خەلق سوت مەھكىمىسى كېمەيتىپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا كېمەيتىپ تاپشۇرۇش نىسپىتى %30 تىن تۆۋەن بولمايدۇ. دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا . دەۋالاشقۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچلىق تۈپەيلى دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلسا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە رۇخسەت قىلىش كېرەك: (1) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ، ئىقتىسادى تولۇقلىما پۇلى ئېلىش ؛ (2) دېڭىز ئۈستى ھادىسىسى ،قاتناش ھادىسىسى ، داۋالاش ھادىسىسى ، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى ، مەھسۇلات سۈپىتى ھادىىسىسى ۋە باشقا جىسمانىي زىيان ھادىسلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىش (3) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن ياردىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولسا ؛ (4) ھەقىقەتەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار. كىرىيە ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بەختىيار تۇرسۇن
|
|