دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇش ھەققىدە دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋا قىلسا دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى تاپشۇرۇش كېرەك. لېكىن دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋاگەر ئالدىن تاپشۇرغاندىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسى دىلونى قوبۇل قىلىپ ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا چوقۇم قايتۇرۇش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرى بۇ خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن بىر قىسىم خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋا ھەققىنى قايتۇرۇشقا سەل قاراپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە قانۇننىڭ ئادىللىق ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. « دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش چارىسى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىللىرگە ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ھەققىنى قايتۇرىشى كېرەك: (1) دەۋالاشقۇچىلار سوت تەكشۈرۈشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن دەۋا تەلىپىنى كېمەيتكەن بولسا دىلو قوبۇل قىلغاندا ئالدىن تاپشۇرغان دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىدىن دەۋالاشقۇچى كېمەيتكەن تەلپىنىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ھېساپلاپ قايتۇرۇش كىرەك؛ (2) خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دىلولىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ دىلونىڭ جىنايى ئىشلارغا چىتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە دەۋالاشقۇچى تاپشۇرغان دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرىشى كېرەك؛ (3) ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دىلونى قايتا قاراپ چىقىشقا قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا ،نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى تاپشۇرغان ئىككىنچى سوتنىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرىشى كېرەك؛ (3) بىرىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى دىلونى قوبۇل قىلىماسلىق ياكى ئەرزنى رەت قىلىش كىسىمى چىقارغان بولسا دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرىشى كېرەك ،دەۋالاشقۇچى بىرىنچى سوتنىڭ قوبۇل قىلماسلىق ،ئەرزنى رەت قىلىش كېسىمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرز سۇنغان بولۇپ ئىككىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى كىسىمنى ساقلاپ قالغان بولسا بىرىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇش كېرەك؛ (4) ئاددى تەرتىپ ۋە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللۇنۇپ مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئاخىرلاشتۇرغان ، دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس قىلىپ ئەرزنى بىكار قىلىپ كىسىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ،ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان دىلولار بولسا دىلو قوبۇل قىلىش ھەققىنىڭ يېرىمىنى قايتۇرۇش كىرەك. كىرىيە ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بەختىيارتۇرسۇن
|