خەلق بىلەن پۇقرانىڭ پەرقى ھەققىدە پۇقرا بىلەن خەلق ئاتالغۇسى ئوخشىمايدىغان مەنىگە ئىگە بولۇپ ھەر قانداق ئورۇندا بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ پەرقى بولۇپ پۇقرا قانۇنى مەنىگە ،خەلق سىياسى مەنىگە ئىگە بولۇپ ئۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ئوخشىمايدۇ. پۇقرا بولسا قانۇنىي مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ بىر دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان ، شۇ دۆلەت ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسى قانۇننىڭ 33-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان ، دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدىكى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ مەجبۇرىيەتنى ئۇستىگە ئالىدىغان كىشىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇقراسىدۇر. پۇقرالارنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ ئۇ ئىشچى ،دېھقان ،زىيالى ،دوختۇر ،ئوقۇتقۇچى قاتارلىق بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى، سىياسى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان جىنايەتچىلەر ۋە باشقا جىنايەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالىق سالاھىيەت بولسا دۆلەتنىڭ ئاھالىنىڭ قانۇنى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ، ئاھالىنىڭ شۇ دۆلەت قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. خەلق بولسا سىياسى مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ ئۇ «دۈشمەن » سۆزىگە قارىمۇ قارىشى ئېيتىلغان سۆز. ئوخشىمايدىغان دۆلەتتە ۋە ئوخشىمايدىغان تارىخى دەۋردە خەلق ئوخشىمايدىغان مەزمۇنغا ئىگە .ھازىرقى دۆلىتىمىزدە پارتىيەنى دۆلەتنى سۆيىدىغان ئىشچىلار ، دېھقانلار ، زىيالىيلار، دوختۇرلار ، ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر خەلق دائىرسىگە كىرىدۇ. خەلق بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ پارتىيەنى دۆلەتنى سۆيمەيدىغان كىشىلەر ، قانۇن بويىچە سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ۋە پارتىيەگە دۆلەتكە قارشى كۈچلەر خەلق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. خەلق كەڭ ئاساسى ھوقۇققا ئىگە بولۇپ ئاساسى قانۇننىڭ 2-ماددىسدا دۆلىتىمىزدە بارلىق ھوقۇقنىڭ خەلققە مەنسۈپ ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن.
كىرىيە ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بەختىيارتۇرسۇن 拜合提·吐逊
|