تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 1

يالغان پۇل ياساش جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
28
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 13:46:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان پۇل ياساش جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرى ھەققىدە

  يالغان پۇل ياساش جىنايىتى بولسا قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قەستەن ھالدا خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇللىرىنى ياساش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 170-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: 1. قىلمىشى يالغان پۇل ياساش قىلىمىشىنى سادىر قىلغان بولىدۇ. پۇل ياسىۋېلىش خەلق پۇلى ياكى چەتئەل پۇلىدىكى رەسىم ، رەڭ، شەكىل قاتارلىقلارغا ئوخشىتىپ بېسىش ، كۆپەيتىش، سىزىش، شەكىل چۈشۈرۈش قاتارلىق ياساش ئۇسۇللىرى بىلەن پۇل ئەمەس نەرسىلەردىن يالغان پۇلنى قانۇنسىز ياساپ پۇل قىلىپ كۆرسىتىش قىلمىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈلگەن پۇل نۇسخىسىنى ياساش قىلىمىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. پۇل نۇسخىسىنى ياساش قىلمىشى پۇل ياسىۋېلىش قىلمىشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، بۇ خىل قىلمىش زور مىقداردا پۇل ياساش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ. قىلمىشچىنىڭ قايسى خىل قىلمىشنى چىقىش قىلغانلىقى ، پايدا ئالغان ئالمىغانلىقى ، قايسى خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەنلىكى بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت قىلمىشچى پۇل نۇسخىسنى ياساش ياكى پۇل ئەمەس نەرسىلەردىن يالغان پۇلنى قانۇنسىز ياساپ راسىت پۇل قىلىپ كۆرسىتىش قىلمىشى سادىر قىلسىلا بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ. 2. بۇ جىنايەتنىڭ  ئۆتكۈزۈش نىشانى خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلىدىن ئىبارەت، بۇ يەردە ئىيتىلغان پۇل دۆلەت ئىچى بازىرىدا ئوبوروت قىلىغىلى ياكى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان خەلق پۇلى بىلەن چەتئەل پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇل خەلق پۇلىدىن ئىبارەت . بۇ يەردە ئېيتىلغان چەتئەل پۇلى كەڭ مەنىدە بولۇپ ،چىگرا سىرتىدا ئوبوروت قىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. 3.قىلمىش سادىر قىلغۇچى سوبىكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكنى چىقىش قىلغان بولىدۇ. يالغان پۇل ياساش جىنايىتى بىر خىل قەستەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت بولۇپ ئەمەلى يۈز بەرگەن دىلولاردا جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتى ئوخشاش بولماسىلىقى مۇمكىن ، لېكىن سوبىكتىپ جەھەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قەستەنلىكى ئوخشاش بولىدۇ. 4. يالغان پۇل ياساش جىنايتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ سوممسى ھەققىدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2000-يىلى ئېلان قىلغان « يالغان پۇل ياساش قاتارلىق دىلولارغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسدىكى ئىزاھات » قا ئاساسلانغاندا ،ياسالغان پۇلنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2000 يۈەندىن ئاشقان 30000 يۈەنگە يەتمىگەن ياكى 200 پارچىدىن  (دانە)  ئاشقان ،3000 پارچىگە (دانە) يەتمىگەن بولسا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ،10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50000 يۈەندىن يۇقىرى 500000 يۈەندىن تۆۋەن ئىشتىراپ قويۇلىدۇ. ياسالغان پۇلنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 30000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار ياسالغان پۇل مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلارغا كىرىدۇ، بۇلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۇم جازاسى بىرىلدۇ ، قوشۇمچە 50000 يۈەندىن يۇقىرى 500000 يۈەندىن تۆۋەن شىتىراپ قويۇلىدۇ ياكى مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
كىرىيە ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن
         بەختىيار تۇرسۇن   
于田县人民法院 拜合提·吐逊        15001522865

3

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
28
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 14:48:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما نىمىشقا قانۇن سەھىپىسىدە كۇرۇنمەيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-3-27 06:44, Processed in 0.118354 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش