تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2568|ئىنكاس: 0

ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى قا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

0

دوست

1356

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
195
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
195
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 16:25:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

201404112257151865596733.jpg

2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا 4-پەسىللىك ئەمەلىي GDP يىللىق پەسىللىك سېلىشتۇرما تۈزەتمە قىممىتى % 11.5 ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 113.28 غىچە يۇقىرى ئۆرلەپ 7 كۈندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى بىردەك چىقماي، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا چىكاگو سودا مەركىزى (CME) ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال بازار ئەھۋالىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بازارنىڭ ھازىر ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تاكى 2018-يىلى 2-ئايغىچە ئۆسۈم قوشىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل كېيىنرەك ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ بازارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدىن 9-ئايغىچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى 0% كە تۆۋەنلەپ كەتتى، 2016-يىلى 11-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى تېخى 5% كە يەتمەيدۇ؛
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى براينېرد 2-ئاينىڭ27 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە ، ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ تارىيىشى پەيدا قىلغان ئەمەلىي تەسىر 3 قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشقا باراۋەر، ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن ئاستا بولۇشى مۇمكىن. براينېرد يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ تارىيىشى بولسا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۈچى مۆلچەرى تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تاشقى زەربىگە بولغان قارشىلىق كۈچى بۇرۇنقىدەك ئۇنداق كۈچلۈك بولمايدۇ.  
ئامېرىكا 4-پەسىللىك ئەمەلىي GDP يىللىق پەسىللىك سېلىشتۇرما تۈزەتمە قىممىتىنىڭ مۆلچەردىن يۇقىرى چىقىشىدىن سىرت، ئامېرىكا 2-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى سىياسەت يۆنىلىشىگە يېتەكچى بولدۇ.




خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى

20151123045039555.jpg

خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى، بازاردا يەنىلا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) ۋە OPEC غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا ئۈمىد باغلىغان، بازار سانلىق ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بازاردا تېخىمۇ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىش ئالامەتلېرى كۆرۈلگەن.
دۈشەنبە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.5 ئۆسۈپ، 32.95 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى ھەپتە ئۆسۈش دائىرسى %15 بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.07 ئۆسۈپ، 35.82 دوللار/باك بولدى.
ۋىنسۇئېللا نېفىت مىنىستىرى Eulogio Del Pino ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە ئىپادە بىلدۈرۈپ، روسسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىل 3- ئايدا ئۇچرىشىشقا قوشۇلدى، ۋىنسۇئېللا ۋە باشقا دۆلەتلەر 3- ئايدا يېغىن ئېچىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يەنىلا يېغىن ئېچىش ئورنىنى كېڭەشمەكتە.
نىگېرىيە زۇڭتۇڭى Muhammadu Buhari ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە قاتار دۆلەت رەھبەرلېرى بىلەن دوھادا ئۇچراشقاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ھەركەت قوللىنىشى كېرەك، چۈنكى نېفىت باھاسى چۈشۈپ، " كىشى قوبۇل قىلالمىغۇدەك" دەرىجىدە تۆۋەنلىدى دەپ ئېيتقان.
ئامېرىكا نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى Baker Hughes جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىل 2- ئاينىڭ26- كۈنى شۇ ھەپتىلىك نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانى 13 كېمىيىپ 400 گىچە بولغان بولۇپ، ئۇدا 10- ھەپتىلىك تۆۋەنلەشنى كۆرسەتكەن، ھەمدە 2009 يىل 12- ئاينىڭ11- كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولغان.





2-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

20160229125140953.png

دۈشەنبە 2-ئاينىڭ29-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1222 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى، ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1250 دوللار ئەتراپىغا چىققان، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، پۈتكۈل دۇنيا پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. ئارقىدىن بىراق جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقىشى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ئاشۇرۇپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1211 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى، ئامېرىكا ISM ياساش كەسپى PMI قاتارلىق مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار.
بۈگۈن ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى  ئەنگلىيە 1-ئايلىق مەركىزى بانكىنىڭ رەنىلىك قەرزى، ياۋرو رايونى 2-ئايلىق CPI يىللىق نىسبەت دەسلەپكى قىممىتى، ئەگەر ياۋرو رايونىنڭ پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقسا، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ 3-ئايدا داۋاملىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئېھتىماللىقى بار. ئامېرىكا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى   كانادا 12-ئايلىق GDP ئايلىق نىسبىتى، ئامېرىكا 1-ئايلىق پۈتكەن ئۆي توختام ئىمزالاپ سېتىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئايلىق نىسبىتى، ئامېرىكا 2-ئايلىق دالاسى فېدېراتسىيە ياساش كەسپى ئىشلەپ چىقىرىش كۆرسەتكۈچى،  بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى كەچتىكى دوللار يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇندىن باشقا ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە نېفىت بازىرىنىڭ يۆنىلىشى بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.



ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5452 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
20150818055257344.jpg

ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 21:02, Processed in 0.132465 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش