پاتقاققا پاتقان پارىخورلار
مەخەت ئابدۇرېھىم
(سۆز ئويۇنى)
پرولتارىياتنىڭ پەخىرلىك، پاراسەتلىك پارتىيەسى پىداكار پالۋانلاردىن پايدىلىنىپ، فىئودالىزىمنىڭ پرولتارىياتنى پەقىرلاشتۇرۇپ، پرولتارىياتنىڭ پۇقرالىق پوسمىسىنى پەللەكمۇ-پەللەك پەسەيتىۋاتقان فىئوداللىق پەشتاقلارنى پاچاقلاپ، پرولتارىياتقا پايدىلىق پروگىراممىلارنى پىلانلاپ پۇقرالارنى پايدىلاندۇرۇۋاتقاندا، پاسكىنا-پاكىزنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان، پادىشاھنىڭ پاقالچىقىدا پاقىدەك پوكولداپ ،پايپىقىنى پاكىزلەيدىغان پەسكەش پارىخورلار، پادىشاھنىڭ پشانسىدە پەرۋانىدەك پىقىراپ، پارىخورلارغا پايدىلىق، پۇقرارلارغا پايدىسىز پەتىۋا-پەشتاقلارنى پىلانلاپ، پۇقرارلارنىڭ پاكىز پۇللىرىنى پوكىنىغا پوملىۋالدى. پارىخورلارنىڭ پوكىنىدىكى پۇقرالارنىڭ پۇللىرى پەشتاقمۇ- پەشتاق، پەللەكمۇ-پەللەك پوملىشىۋەرگەچكە، پەشتاقنىڭ پەستىكىلىرى پوق پۇراپ پىشانىسىنى پاشىدەك پىقىراتتى، پۇتىنى پاتقاققا پاتۇردى. پارىخورلار پۇقرارلارنىڭ پۇلىنى پوملايدىغان، پەدازلانغان پاسكىنا پەلسەپىسنى پاكىزلىمىسە، پاتقاققا پېتىۋىرىپ پوق پونكىتىدىكى پاقىلار پاراۋانلىقىغا پاخالدەك پالىنىدۇ. پارىخورلارنىڭ پوسمسىدىكى پۇللار پىيازنىڭ پوستىدەك پاكىزلىنىپ، پەيلاسوپنىڭ پىكىرىدەك پاكىتلىنىپ پۇقرالارنىڭ پىشانىسىدە پار-پۇر پىيالىدەك پاقىرىمىسا، پارتىيەمىزنىڭ پايەن-پايەنلەردىكى پەخىرلىك، پاساھەتلىك پالۋانلىرى پارىخورلارنىڭ پاقالچىقىدىن-پىشانىسىگىچە، پوق پۇرايدىغان پوكىنىدىن، پوخورلاشقان پوسمىسىغىچە، پايپاقلىرىدىن پەلتۇلىرىغىچە پوجاڭدەك پارتىلىۋىتىدۇ. پارخورلار!پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پاكىزلىنىۋىلىڭلار. پاكىزلەنمىسەڭلار پاتقاققا پاتقىنىڭلار-پاتقان. پوق پونكىتىغا پالانغىنىڭلار-پالانغان. مەنبە؛ ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى،
|