- تىزىملاتقان
 - 2012-12-17
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2016-3-10
 - ھوقۇقى
 - 50
 - جۇغلانما
 - 515
 - نادىر
 - 0
 - يازما
 - 77
 
 
  
 - 真实姓名
 - نەۋرۇز
 - تۆھپە
 - 63 
 - مۇنبەر پۇلى
 - 359 
 - ئىشەنىچ
 - 63 
 
  | بايقال كۆلى يىگىرمە بەش مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئالىملار تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي كۆل دەپ قارالماقتا  .بايقال كۆلى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئەڭ سۈزۈك كۆل ، ئومۇمىي چوڭقۇرلىقى بىر مىڭ ئالتە يۈز قىرىق ئىككى مېتىر ، دېمەك ، ئېففىر تۆمۈر مۇنارىدىن بەشنى ئۈستى - ئۈستىلەپ دەستىلىسىمۇ كۆلنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ  .بايقال كۆلى دۇنيادىكى ئاز ساندىكى بۇلغانمىغان پاكىز كۆللەردىن بىرى بولۇپ ، كۆل يۈزىدىن تېگىگە قارىغاندا قىرىق مېتىرغىچە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ  .سۈيىنى تازىلىماي بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدۇ  .تاتلىق سۇ زاپىسى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سوپېرىئو ، مىچىگان ، ھورون ، ئېرى ، ئونتارىئو قاتارلىق بەش چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆلنىڭ ئومۇمىي تاتلىق سۇ زاپىسىدىن پەقەتلا بىر پىرسەنتلا ئاز  . كۆل سۈيىنىڭ ئىنتايىن پاكىزلىقىدىن قىشتا مۇز تۇتسىمۇ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈزۈك كىرىستالدەك ھالەت شەكىللەنگەن  .بايقال كۆلىدە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز خىلدىن ئارتۇق جانلىق ۋە ئۆسۈملۈك بار بولۇپ ، ئۇنىڭ سەكسەن پىرسەنتى پەقەتلا مۇشۇ رايونغا خاس ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن تېپىلمايدۇ  .ئۇنىڭدىن باشقا بايقال كۆلىگە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تاغلار جايلاشقان ، ئېگىزلىكى يەتتە مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان ھەيۋەتلىك تاغلارمۇ بار  . كۆل ئورنى رۇسىيە فېدراتسىيىسىگە تەۋە جەنۇبىي سىبىرىيىدە  .
 
  مەنبەسى :ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى
  |  
  
  |