ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا پاي چېكى ۋە نېفىت بازىرى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە
بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى دەسلەپتە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، سەيشەنبە چارشەنبە كۈنى پاي چېكى بازىرى ۋە نېفىت بازىرىنىڭ ئاجىز بولىشى سەۋەبىدىن، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئېشىپ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ، ئەڭ يۇقىرى 1250 دوللار ئەتراپىغا چىققان، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، پۈتكۈل دۇنيا پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. بىراق ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. ئالتۇن بازىرى يەنىلا ئامېرىكا پاي چېكى ۋە نېفىت بازىرى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە، بۇ ئىككى ئامىل ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. FXStreet نىڭ تەھلىلچىسى Omkar Godbole كۆرسەتمىسىدە، تېخنىكىلىق يۈزدىن ئېيتقاندا، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 4 سائەتلىك گرافىكتىكى 20 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىن چۈشۈپكەتسە، ئۇھالدا ئالتۇن باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشىدىكى تىرەش نۇقتا 1215 دوللار ۋە 1198 دوللار، ئۆسۈش يۆنىلىشىدىكى بۆسۈش نۇقتا 1240 دوللار ۋە 1263 - 1254 دوللار دەپ كۆرسەتتى.
" كونا يارىغا يەنە يېڭى يارا قوشۇلدى" نېفىت باھاسى " قارا چۈش" تېخى ئاخىرلاشمىدى
پەيشەنبە ياۋرۇپا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى، بېنزىن ئېھتىياجى كۈچەيگەن ھەمدە ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كېمەيگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا تەمىنلەش مىقدارى ئېھتىياجدىن چوڭ بولۇپ چۈشۈش بېسىمىدىن قۇتۇلالمىغان. دۇنيا كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى كۈنىگە 1-2 مىليون باك ئېشىپ نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.CMC Markets نىڭ باش بازار تەھلىلچىسىRic Spooner نىڭ ئېيتىشىچە " دۇنيا مەھسۇلات مىقدارى چوڭ دائىرىدە ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ نۆۋەتتىكى نېفىت بازىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى" دەپ ئېيتقان. ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر باش مەكىمىسى چارشەنبە ئېلان قىلغان، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى 3 مىليون500 مىڭ باك ئېشىپ، 5.07 مىليارد باكقا يېتىپ، يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن، تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قەرەللىك نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. دۇنيا ئىقتىساد پەسىيىشى ئېھتىمال نېفىت باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتكەن. سىتى گورۇھى" Citigroup Inc" نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى پەقەت %2.5 ئېشىشى مۇمكىن بولۇپ، ئىلگىرىكى مۆلچەردىكىدىن %2.7 ئېشىش دائىرسىدىن تۆۋەن بولغان. سىتى گوروھى ئىقتىسادشۇناسىنىڭ بىرپارچە تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىشىچە" دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش ئەھۋالى يەنە بىر قەدەم يامانلىشىپ، تەرەققى قىلغان ئىقتىساد گەۋدىسىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىشىش ھالىتىنى كۆرسەتكەن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار يەنىلا پەسىيىش ھالىتىدە" دەپ يازغان. بېيجىڭ ۋاقتى 15:37 دە ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.61 تۆۋەنلەپ، 34.20 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.18 تۆۋەنلەپ، 31.78 دوللار/باك بولدى.
جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى قوللىنىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ
دۇنيادىكى 20 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە مالىيە مىنىستىرلىرى 2-ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېچىلىدىغان G 20 يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شاڭخەيگە يىغىلدى. جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جۇ گۇاڭياۋ (Zhu Guangyao )2- ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ مالىيەنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇ گۇاڭياۋنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغىنى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى چىقىم پىلانىنى كۈچەيتىش تەلىپىنى مۇراجىئەت قىلىش. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 2-ئاينىڭ 26-27-كۈندىكى G 20 يىغىندا، سىياسەت تۈزگۈچىلەر ئاجىز بولغان دۇنيا ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈش كېرەك. جۇ گۇاڭياۋ شاڭخەيدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالىيە كېڭەيتىش بوشلۇقى بار دۆلەتلەر چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. ھازىر پەقەت پۇل سىياسىتىگىلا تايانسا بولمايدۇ، مالىيە سىياسىتىنىڭ رولنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ سىرتتىن قوشۇلغان ئېھتىياجىنىڭ كاساتلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خۇسۇسىي بانكا ئورۇنلىرىنىڭ ئانالىزچىسى داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرنى تۆۋەنلەتتى.
ئەسكەرتىش: ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛ بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5318 يۈەن؛ ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛ ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
|