تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2768|ئىنكاس: 1

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان 50 جۈملە سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

53

دوست

1259

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
117
مۇنبەر پۇلى
1075
ئىشەنىچ
117
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 11:33:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان 50 جۈملە سۆز
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز رەتلىگەن
2.jpg

2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە قېزىلما چارلاش-ئېچىش ئىدارىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى خالمۇرات نەسردىننىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇش جەريانىدا ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان ئەھمىيەتلىك 50 جۈملە سۆزى

1.‹‹ئۈچئەل» خىزمىتى بولسا 21-ئەسىردىكى شىنجاڭدىكى ئامماخىزمىتىدىكى ئۇلۇغ قارارنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ روھىنىڭ تولۇق نامايەندىسى.
2 .دۇنيادا ئالدىغىلى بولمايدىغان ئىككى خىل كۆزبار، بىرى تەشكىلنىڭ كۆزى، يەنە بىرى خەلق ئاممىسىنىڭ كۆزى.
3 .ئاساسى قاتلام قۇرۇلۇش خىزمىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازا قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
4.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمىتىدە كەلگۈسىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە، ئۇل ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئەل رايىنى سىناش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، پائال تۈردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەستايىدىل خىزمەت ئىشلەپ، تىرىشىپ مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش ھالقىلىق خىزمەت.
5 .مىننەتدارلىق بولسا ئېسىل ئەخلاق، مىنەتتارلىقنى بىلىدىغان ئادەم دائىم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.
6 .ھەر مىللەت خەلقى قۇياش، ھاۋا، سۇ، يەر، ئۆسۈملۈككە ئوخشاش بىر-بىرىگە تايىنىپ ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندىلا، يۇرت-ماكانىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
7.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە ياخشى بولغان خىزمەت ئىدىيەسىۋە ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپلا قالماي يەنە پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئۈنۈمى ياخشى، كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان خىزمەت تۈزۈمى ۋە خىزمەت ۋاستىسنى قالدۇرۇشى كېرەك.
8 .تەشكىلگە رەھمەت ئېيتايلى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بولسا تەشكىلنىڭ بىزگە بەرگەن ئۆز-ئۆزىمىزنى تولۇقلايدىغان پۇرسەت.
9.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمىتى جەريانىدا بەزىلەر ۋاقىتنى ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بولساۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ناھايىتى ئاستا دەپ قارايدۇ، بەزلەر ۋاقىتنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ، بەزلەر بولسا ۋاقىتنى ئارتۇقچە دەپ ھېس قىلىدۇ.
10 .ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىيئەمىنلىك خىزمىتى جەريانىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
11.كەنتكە چۈشۈشنىڭ ئۆزى تۆھپە قوشقىنىم دەپلا قاراش ئاقىلانىلىك بولمايلا قالماي بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك.
12 .كەنتكە چۈشۈپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈش بولسا ئۆز ياشلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قىسقارتقان بىلەن باراۋەر.
13 .رىياللىق بولسا بىر خاتىرىلىگۈچى، ئۇ سىزنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىڭىزنى خاتىرىلەيدۇ ھەم بىر-بىرلەپ جاۋابقا ئېرىشىسىز.
14.دېھقانلارنىڭ كۆزى يالغان سۆزلىمەيدۇ، سىزنىڭ كەنتتە قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپلا بىلەلەيسىز.
15 .بىلىدىغان تىل قانچە كۆپ بولسا، بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
16 .ئەمەلدارلارنىڭ ئابرويى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
17 .ئادەم پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويلانسا، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەم كۈلكىلىك ھەم مەنىسىز ئۆتىدۇ.
18 .ماختاشلارغا ئەستايىدىل بول، ئۇچۇپمۇ كەتمە، چۆچۈپمۇ كەتمە، چۈنكى سېنىڭ ماختىغۇدەك ئۇتۇق مېۋەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ مەدھىيەسىمۇ، ھەسەت پىتنە-ئىغۋاسىمۇ بولىدۇ-دە.
19.سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭنى بىلمەكچى بولساڭ سەن مەنپەئەت تاجى شۆھرىتىڭگە قارىماي، خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا قارا.
20 .ئەڭ يىراق ئارىلىق بولسا قەلب يىراقلاشقاندىكى ئارىلىق، ئەڭ يېقىن ئارىلىق بولسا قەلب گىرەلەشكەندىكى ئارىلىق.
21 .سىز كەنتتە چىن قەلبىڭىز بىلەن خىزمەت قىلمىسىڭىز، دېھقانلارمۇ سىزگە يالغان كۈلكىسى بىلەن يالغان كۆڭلىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.
22 .ئائىلىنىڭ نامرات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر خىلى بولسا تۇرمۇشنىڭ رىتىمغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
23 . ‹‹ئادۋوكاتلار قانۇننى يېزا كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى يېزا كەنتتنىڭ قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى ياخشى ئۇسۇل شۇنداقلا كەنت كومىتېتىغا قالدۇرغان خىزمەت ئۇسۇلى.
24.‹‹ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدىن خەلق ئاممىسى، كادىرلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەت پايدىغا ئېرىشتى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ يوشۇرۇنىدىغان ئورنى قالمىدى.
25. بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغان كىشى مەڭگۈ يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ .
26 .كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئادەم بىلەن ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولىدۇ.
27 .پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىغان كارخانا بىلەن پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىپ كۈن كۆرۈلمەيدىغانلارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.
28 .بەزى كەنت ئاھالىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى مائاش دەپ قارايدۇ، بۇ پۇلنى ئېلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
29 .ياخشى بولمىغان ئادەت سىزنى ھاياتىڭىزدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر قېتىم جازالىشى مۇمكىن، بەزى يامان ئادەت بەلكىم سىزنى ھاياتىڭىزدىن ئايرىشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا ئۆمىرىڭىزنى نابۇت قىلىشىمۇمكىن.
30 .ياخشى ئادەت سىزنى بىر ئۆمۈرپايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
31 .تەشكىلنىڭ كۆزى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەقىل پاراسىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىك، نۇقسانلىرىڭىزنى ھەرگىز يوشۇرالمايسىز.
32 .پارتىيەگە سادىق بولۇش ئېسىل ئەخلاق، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان ئادەم پارتىيەگە سادىق بولالمايدۇ.
33 .بەزلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئەپلەپ-سەپلەپ چىقىۋالىمەن دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزگىنىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
34 .بەزلەر ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئىناۋىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
35 .ئەگەر بىز كەسىپكە بولغان ئىنتىلىدۇ ۋە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىمىز يەنە يىراقمۇ؟
36 .بەزىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، غەزەپلىنىدۇ ۋە ئازاپلىنىدۇ، يەنە بەزىلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، غەزەپلىنىدۇ ۋە ئازاپلىندۇ. بۇ ئۇلارنىڭغا يا ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا.
37 .زامانىۋى قانۇن بولسا زامانىۋى مەدەنىيەتتۇر.
38. كەنتكە چۈشۈپ پەقەت ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئادەم ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىمايدۇ.
39 .خىزمەتنى قىلغاندىلا يېزىپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن بەزىلەر قەغەز يۈزىدىكى خىزمەتكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
40 .بەزىلەر ئاددىي خىزمەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يازىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا مۇرەككەپ خىزمەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ يازىدۇ.
41 .بەزىلەر ئەمەلىي ئىش قىلمايتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشنى يېزىپ چىقىمەن دەپ ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ، لېكىن قانداق يېزىشنى بىلمەيدۇ.
42 .بەزىلەر كەنتكە چۈشۈپ خېلى كۆپ دوست تۇتىدۇ، لېكىن خەلق ئاممىسى بىلەن دوست بولالمايدۇ.
43 .تەشكىلنىڭ بىزنى كەنتكە چۈشۈرىشى بولسا بىزنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزگە بىرنەچچە دوست تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس.
44 .كەنتكە چۈشكەن مۇنەۋۋەر كادىرنى تاللاشتا، توردا بېلەت تاشلاش ئەمەس، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن قارار قىلىنىدۇ.
45 .دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئالدىغىلى بولىدىغانلار دېھقانلار. ئەڭ ئاسان ئالدانمايدىغىنى يەنىلا شۇ دېھقانلار.
46 .بىر مۇنەۋۋەر كادىرنى بىرنەچچە ئادەمنىڭ باھالىشى بىلەن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ بەلكى ئۆزىنىڭ ھايات ئىزناسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.
47 .ھەرقانداق بىر كوللېكتىپتا ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىرى بولسا ئۇ پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
48 .ئەۋزەل بولغان خىزمەت شارائىتى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئادەمنى ئېلىپ قالالىشى ناتايىن، بىراق ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغانلارنى چوقۇم ئېلىپ قالالايدۇ.
49 .خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى،ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
50 .بەزىلەر ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ،بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ، بۇنداق كىشىلەر بىر ئۆمۈر ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر بەدەل تۆلەيدۇ، ئېرىشىشنى ئويلىمايدۇ، ئۇنداقكىشىلەرھاياتىدا يەنە نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكىئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى


ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن
مۇنىردىن تۇنياز خەۋرى
温宿县质量技术监督局   木尼尔丁·吐尼牙孜。
联系电话:13779788848
1.jpg

94

تېما

0

دوست

1588

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
417
مۇنبەر پۇلى
951
ئىشەنىچ
417
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 23:39:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 22:09, Processed in 0.133078 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش