بەخىت-ئۆزىنى قەدىرلەشتىن كېلىدۇ
ئالىم ياسىن ئارمانى بىر يىگىت يولنىڭ دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى كۆرۈپ خىيال سۈرۈپتۇ. «ئەگەر مەنمۇ ئەشۇ كېتىۋاتقان كىشىدەك سالاپەتلىك بولۇپ قالسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟»، «ئەشۇ ئادەمنىڭكىدەك ماشىنام بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟»، «ئاۋۇ كىشىنىڭكىدەك پوزۇر كىيىملىرىم بولسىچۇ؟»...ئەمما ئۇ ئەشۇ خىياللارنى سۈرىۋاتقاندا، بىر پۇتىدىن ئايرىلغان بىر دىۋانەنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ: «ئاۋۇ يىگىتتەك تەندۇرۇس ئادەم بولۇپ قالسامچۇ؟»-دەپ ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقىنى چوقۇم بىلمەيدۇ. مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى. مەن بىر كىتاپتىن«ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قايغۇسى مەڭگۈ باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ»دېگەن قۇرلارنى ئوقىغان ئىدىم. بىزدە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ھاياتىنى باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ، ئۆزىدىن ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، باشقىلارغا قاراپ ئۆزىدىكى بار بولغان نەرسىلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى قەدىرلەشنىمۇ بىلمەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ھە دىسە ئاتا-ئانىسىدىن، بالىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن، دوستلىرىدىن، يۇرتىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئاغرىنىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن بۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئۆزىدە بار بولغاننى قەدىرلىيەلەيدىغان ئادەم ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدۇر. بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قەدىرلىمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغاندا ئۇنىڭغا ئۆكۈنۈپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايمىز. سىز باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزدە بار نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك موللۇقىنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ؟باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ قاراۋەرمەڭ؟باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلىۋەرمەڭ. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دۇنيادا ئەڭ يېقىملىق ناخشا يەنىلا ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتقان ناخشىسى. ئەڭ چىرايلىق، كېلىشكەن ئادەممۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى. ئەگەر بىزمۇ ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلەپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلا بولساق باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تالانت ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۆزىمىزدە ئېشىپ-تېشىپ تۇرغىنىنى، بەخىت-ئامەتنىڭمۇ كۆز ئالدىمىزدا دۆۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنى بىلىپ قېلىڭكى-بەخىت-ئۆزىنى قەدىرلەشتىن كىلىدۇ.
|