تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2870|ئىنكاس: 0

بۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە نېمە تەسىر كۆرسەتتى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

0

دوست

1356

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
195
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
195
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 19:25:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە نېمە تەسىر كۆرسەتتى؟

20160222055145868.jpg

دۈشەنبە 2-ئاينىڭ22-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چۈشۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ 1205 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، ئاسىيا پايچىك بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى كېمەيتىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، بۇندىن باشقا دوللار كۆرسەتكۈچ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆرلەپ 97دىكى ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.كۈمۈش باھاسىمۇ بېسىمغا ئۇچراپ 14.91 دوللارغا چۈشكەن. بۇ ھەپتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزى، ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم سانلىق مەلۇماتى.
چەت ئەلدىكى داڭلىق تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش ئاپپاراتى FX Empire دۈشەنبە 2-ئاينىڭ22-كۈنى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئۆسۈش يۆنىلىشىدە سودا قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى دەپ كۆرسەتتى.
جۈمە 2-ئاينىڭ19-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى ETF نىڭ ئالتۇن زاپىسى 732.96توننا بولۇپ ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا 19.33 توننا ئاشقان.





ئابۇدەبىي دۆلەت بانكىسىنىڭ نېفىت باھاسىغا بولغان مۆلچەرى

20160222015503147.jpg

ئابۇدەبىي دۆلەت بانكىسى (NBAD) ئالدىنقى ھەپتە شەنبە ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۇنيا نېفىت بازار تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى 2017-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا 2016- يىلدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ ھەر باكى 20 دوللارغىچە بولدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئابۇدەبىي بولسا ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ %16 نى ئىگەللەيدۇ.
ئابۇدەبىي دۆلەت بانكىسى 2016-يىللىق دۇنيا مەبلەغ سېلىش لاھىيە دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا گەرچە قىسقا مەزگىل ئىچىدە ھەر باكى 20 دوللارغا چۈشۈش ئېھتىماللىقنى چىقىرۋەتكىلى بولمىسمۇ، ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك (WTI) نېفىت ھەر باكى 25-45 دوللار ئارلىقىدا بولىدۇ. ئەمما نېفىت باھاسى تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدىن ئېھتىياج ئېشىش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ ئېيتقان.
ئابۇدەبىي دۆلەت بانكىسى تەھلىلچىلەر دوكلاتتا كۆرسەتمە بېرىپ،" ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، بىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساس يۈزنى كۆزدە تۇتۇپ نېفىت باھاسىنىڭ بىر تەۋرىنىش دائىرسىدە بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىللىك سودا ئارقىلىق، بۇ يىل نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ سېتىپ چىقارغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكىدىن كېمەيگەن، ئەگەر نېفىت باھاسى ھەر باكى 40 دوللاردىن ئېشىپ كەتسە، ئىشلەپچىقارغۇچى كېيىنكى مەزگىللىك سېتىپ چىقىرىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن." دەپ كۆرسەتتى.




دوللارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى يۆنىلىشى يەنىلا تەۋرىنىش ھالىتىدە بولىشى مۇمكىن

20160222062236250.jpg

ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى تاسادىپىي تۆۋەنلەپ ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ جانلىنىشىنى داۋاملىق دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى قايتىدىن ئۆرلەپ مۆلچەردىكى بىلەن ئوخشاش چىقىشى، يەنە مەلۇم دەرىجىدە  بازىرىدا ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلەش ئەندىشىسىنى پەسەيتتى، لېكىن بۇرۇلۇش يېتەرلىك بولمىغاچقا، بازاردا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك مۆلچەرىنىڭ كېچىتۈرۈلۈشىگە نىسبەتەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ نۇتۇق سۆزى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمىسىمۇ. بۇ ئەھۋاللارمۇ دوللارنىڭ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، گەرچە باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ.
بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى فىشېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئەمەلدارلار نۇتۇق سۆزى ئېلان قىلىدۇ، لېكىن دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە ئومۇمەن بەك چوڭ تەسىر قىلمايدۇ. سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 1-ئايلىق چىداشلىق بويۇم زاكاس تالونى ۋە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 4-پەسىللىك GDP تۈزەتمە قىممىتى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسى دوللار يۆنىلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بازار كەيپىياتى دوللارنىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى تەسىرىدە، بازار كەيپىياتى ئانچە تۇراقلىق ئەمەس، شۇڭا بازار دوللارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى يۆنىلىشىنى يەنىلا تەۋرىنىش ھالىتىدە دەپ قارار قىلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5165 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
20150818055257344.jpg
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-3 02:42, Processed in 0.131952 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش