ئاتا ۋە ئانا
ئالىم ياسىن ئارمانى مەن شۇنداق بىر تاغنى بىلىمەن، كۆكتىن نەچچە ھەسسە بەھەيۋەت. ھەۋەس قىلىپ ئاڭا تۇرىمەن، يۈرۈگۈمدىن باغلاپ مۇھەببەت. مەن شۇنداق بىر باغنى بىلىمەن، بەكلا گۈزەل گوياكى جەننەت. مەن شۇ باغدا ئۇچۇپ يۈرىمەن، خۇشاللىققا جۆر بولۇپ پەقەت. مەن تاغلاردىن بىر كۈچ يۇلىمەن، ئىرادە ھەم قەيسەر شىجائەت. باغلاردىن ھەم ئېلىپ تۇرىمەن، مېھرىبانلىق، چوڭقۇر مۇھەببەت. كۆك قەھرىدە مانا ئۇچىمەن، شۇ تاغلاردىن مىڭ ھالقىپ پەۋەت. ئاتا-تاغدۇر، ئانا-باغ دېگەن، چەكسىز بەخت، مەن ئۈچۈن ئامەت. |