ئەجىر ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئالىم ياسىن ئارمانى تاما-تاما كۆل تولۇر(ئۇيغۇر خەلىق ماقالى
يېزىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىككى ياش شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرىپتۇ. ئۇيان ئىزدەپ، بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى بىر ئاشخانىنى تپىپتۇ. ئاشخانا بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، خىزمىتى بىر ئاز جاپالىق ئىكەن، مائاشىمۇ بىر ئاز تۆۋەن ئىكەن. بۇلاردىن بىر ياش خىزمەتنىڭ چىققىنىغا خوش بولۇپ ئىشلەپتۇ. يەنە بىرى ياراتماي كېتىپ قاپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئاشخانىدا ئىشلەپ قالغان ياش كوچىغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى چىقىپ، ھېلىقى كېتىپ قالغان دوستىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئۇ ئىشلەۋاتقان دوستىنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە تۈزۈكرەك بىر ئىش ئورنىغا ئىگە بولالماي، نەچچە كۈندىن بۇيان قورسىقى ئاچ يۈرگەنلىگىنى ئېيتىپتۇ. دوستىنى ئاشخانىسىغا باشلاپ قوسىقىنى راسا تويغۇزۇپتۇ ھەمدە بىرگە ئىشلەپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئاشخانىدا ئىشلەپ دوستىنىڭ شۇنچە كۆپ پۇل تاپقانلىقىدىن ھەيران بولغان ھېلىقى ياشمۇ ئىشلەشكە كۆنۈپتۇ. جەمئىيىتىمزدە شۇنداق كىشىلەر باركى، كەچكىچە جەمئىيەتتىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈيدۇ، ئۆزلىرى قول سېلىپ بىر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ. بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى ئويلايدىيۇ، پۇلنى قانداق قىلىپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچە باش قاتۇرمايدۇ. چوڭ سۆزلەشتىن قالمايدىيۇ، كىچىك ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ باقمايدۇ. بىر دوستۇم بولىدىغان، يېقىندا ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نەچچە يەردىن ئىش ئورنى تاپقان بولساممۇ بىرنى ئۇنداق، بىرنى مۇنداق دەپ ياراتماي ئاخىرى مېنىمۇ بىزار قىلىپ ئىشسىز يۈرىيدۇ. جەمئىيىتىمىزدە يەنە مۇشۇنداق كىشىلەردىن نەچچە مىڭى بار، يا چوڭىنى قىلالمايدۇ، يا كىچىگىنى ياراتمايدۇ، نەتىجىدە ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ، پاخالدىن ئەرزان بولۇپ يۈرۈيدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنى قوزغىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە كىشىلەر چوقۇم پۇلنىڭ ئۆزلىگىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ جاپالىق ئەجىر ئاستىدا ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ پۇلنى ئاز كۆرۈپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق نەتىجىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئاستىدا ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى، بۇ خىل روھ بولمىسا تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئۆزىنى يۆلەش ئىستىكى بولمىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى يۆلەپ تۇرغۇزغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بىر ئادەمنى شوتىنىڭ بالدىقىدا ئولتۇرىۋالسا يۈدۈمەكتىن باشقا ئامال يوق.«ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش»دەيدىغان ئادەمگە ئۈزۈمنىڭ پىشىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق. دېمەكچىمەنكى-پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېگىز شاخقا ئېسىلمايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن سەمىمىي مۇستەھكەم ئاساس سالالايدۇ. ھەر قانداق يىراق مەنزىلگىمۇ بىر قەدەمدىن، بىر قەدەمدىن بېسىپ يىتىپ بارغىلى بولىدۇ، سۇمۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تەشكىنىدەك، تامچە-تامچىلار بىر كۆل شەكىللەندۈرگىنىدەك بايلىقنىڭمۇ ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى، ھازىرقى تۇرمۇشنى قەدىرلەپ ھەربىر كىچىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتساقلا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆزلۈكىدىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا ھەر بىر ئىشلاردا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان ناچار پوزىتسىيەدىن ساقلىنىپ، ئەتىكى چوڭ ئىشلا ئۈچۈن كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.
|