خوتەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلدى  خوتەن شەھەرلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى ئويۇشتۇرغان، شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو،كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان خوتەن شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خوتەن شەھەرلىك شورباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنى 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە مائارىپ سىستىمىسىدىن كەلگەن 13ۋەكىللەر كوماندىسىن 600 نەپەردىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى،ئوغلاق تارتىشىش، چىلىىشىش، تاغار يۈدۈش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق 10 چوڭ تۈر 35 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن.











|