- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2918
- نادىر
- 0
- يازما
- 495
 
- 真实姓名
- مەخەت ئابدۇرىھىم
- تۆھپە
- 970
- مۇنبەر پۇلى
- 1850
- ئىشەنىچ
- 970
| غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك ( ھېكايە) مەخەت ئابدۇرېھىم
ياسىن ناۋاينىڭ كېلىنى ئايپاشاخان ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسىلا بالىسىنى بېقىپ بېرىۋاتقان مېھىرىبانگۈلگە سېسىق گەپ قىلاتتى. بولۇپمۇ بالىسىنى بۆلەيدىغان بۆشۈكنىڭ غىچىرلىغىنىنى، بالىسى ئەزىمەتنىڭ يىغىسىنى، سىيىپ-چىچىپ قويۇشلىرىنى باھانە قىلىپ غۇدرايتتى. مېھىرىبانگۈلمۇ ئايپاشاخاننىڭ سېسىق گەپلىرىگە پىسەنت قىلماي << ئىت قاۋايدۇ، ھايان قەلەندەرنىڭ دېگەندەك بالىنى يىغلىدى، بۆشۈكنى غىچىرلىدى دېسە دەۋەرسۇن، بالا ئۆزىنىڭ، بۆشۈكمۇ ئۆزىنىڭ، ماڭا بەرىبىر>> دەپ ئۆزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتى. مانا بۈگۈنمۇ ئايپاشاخان ئۆيگە كىرىپلا كونا ئادىتى بويىچە : - ھوي مېھرىبانگۈل ھەدە بالىنىڭ سىيىپ قويغان گېپىنى دېسەم كۆزىڭىزنى ئالايتىسىز، بۆشۈكنى غىچىرلىدى دېسەم قوشۇمىڭىزنى تۈرىسىز، گەپ-سۆز قىلمىسام ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك سىڭايان قاراپ كۈلسىز، بەلكىم بالاڭنى بېقىپ بېرىۋاتىمەن دەپ شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتامسىز ؟ ئاڭلاپ تۇرۇڭ! بالامنى بېقىپ بەرگەن ھەققىڭىز ئۈچۈن پۇل ئالسىز، پۇل - ئايپاشاخان بالىسى ئەزىمەتنى ئېمىتكەچ ئۆينىڭ تورۇسلىرىغا قاراشقا باشلىدى. ئايپاشاخان ياسىن ناۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ئارمانجاننىڭ ئايالى ئىدى. مېھرىبانگۈل ئايپاشاخاننىڭ بالىسىنى بېقىپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان بالا باققۇچى ئىدى. ياسىن ناۋاي ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ناۋايلىق كەسپىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوردا ئالدى بازىرىدا خېلى نام چىقارغان، ھەتتا ئوغلى ئارمانجاننىمۇ ناۋايلىق كەسپىدە ياخشى تەربىيەلەپ ‹ئارمان نانلىرى› دېسە قەشقەر شەھىرى ئىچىدىلا ئەمەس، شەھەر سىرتى ۋە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئالاھىتەندە سۈرۈشتە قىلىپ كېلىپ نانلارنىڭ ھەرخىل تۈرلىردىن ئېلشاتتى. ھەتتا چەتئەللەرگىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىشەتتى. ياسىن ناۋاينىڭ كېلىنى ئايپاشاخانمۇ كەتمەن بازىرىنىڭ دوقمىشىدىن ئارمان نانلىرىنى ئالغىلى كېلىپ ئارمانجان بىلەن تونۇر بېشىدا تونۇشۇپ قېلىپ توي قىلغان. ئايپاشاخان ھازىر ناۋايخانغىمۇ يېقىن، كەتمەن بازىرىغىمۇ يېقىن ئارىلىقتىكى ساقىيە داۋالاش پونكىتىدا سېستىرالىق قىلىدۇ. ئايپاشاخاننىڭ كەسپى سېستىرا بولغاچقا بەزىدە كېچىدە بەزىدە كۈندۈزى ئىشلەيدۇ. ياسىن ناۋاينىڭ ئوردا ئالدى بازىردىكى بۇ ئۆيى دادىسىدىن قالغان ئۆي، ئورنى تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بولۇپ ناۋايلىق كەسپىگە بەك ماس كېلەتتى. شۇنداق بولغاچقا ياسىن ناۋاي بۇ ئۆيدىن ھەم ناۋايخانا، نان ساتىدىغان دۇكان، ئۇن-ياغ، ئوتۇن-ياغاچ، ئۆينىڭ مال مۈلۈكلىرنى ساقلايدىغان ئامبار، ھەم ئۆي ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن ئالاھىدە ئۆي ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ياسىن ناۋاينىڭ بۇ ئۆيگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر ئىدى. كېلىنى ئايپاشاخاننىڭ بالىسنى ئىمىتكەچ ئۆينىڭ تام تورۇسلىرىغا قاراشلىردىن، ھازىرقى زاماندىكى بىنا ئۆيگە چىققۇسى بارلىقىنى چۈشەنگىلى بولاتتى. - دادىكا! باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، ھېچ بولمىغاندا ئەزىمەتنى بۆلەيدىغان بۆشۈكنى يېڭىلاپ بەرسىلە، تەۋرەتسە غىچىر-غىچ، غىچىر-غىچ قىلىۋەرسە ئۇخلىيالمايدىكەنمەن. ؛-دىدى تەنە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا. ئۆتكەن قېتىمدىمۇ يولدىشى ئارمانجانغا شۇ بۆشۈك توغرىىسىدا ئازراق سۆزلەپ قالغان ئىدى. ياسىن ناۋاي نەۋرىسى ئەزىمەتنى قولىغا ئېلىپ ئوينىتىپ تۇرۇپ: - بولىدۇ بالام، بولىدۇ. يېڭى بۆشۈكتىن بىرنى ئېلىپ بىرەي:دېدى-دە ئەزىمەتنى مېھرىبانگۈلگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ياسىن ناۋاي خام بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى تاللا بازىرىدىن ئون مېتىر سۇلياۋ تانا سېتىۋېلىپ كىرىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بۆلەنچۈكتىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ، غىچىرلايدىغان بۆشۈكنىڭ مەسلىسنى ئاسانلا ھەل قىلغان ئىدى. ئايپاشاخان ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسە ئەزىمەت يېڭى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇلغان، مېھرىبانگۈلمۇ يېڭى بۆشۈكنى لىڭىشىتىپ ئولتۇرغان. ئايپاشاخان ئەزىمەتنى يېڭى بۆشۈكتىن يەشمەي ئازراق تاماق يېگۈزۈپ، بازاردىن سېتىۋالغان ئالا ئىنەكنىڭ سورتلۇق سۈتىدىن سۇلياۋ ئىمىزگە ئارقىلىق ئازراق ئىمىتىۋېتىپ، ئاندىن بالا باققۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىدا ئۇخلاپ قالدى. ئاجايىپ، مانا بۈگۈن بالىمۇ يىغلىمىدى، بۆشۈكمۇ غىچىرلىمىدى، ئايپاشاخانمۇ ئوبدان ئارام ئېلىپ ئۇخلىدى. ئەتىگەندە ئايپاشاخان ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئەزىمەتنى ئىمىتىۋېتىپ ماڭاي دەپ يېڭى بۆشۈكتىن يەشتى بولغاي، كىم بىلىدۇ مۇنداق بولۇشنى، ئايپاشاخاننىڭ سېستىرالىق كىيىملىرى پوق بىلەن بويلاپلا كەتتى. ئەزىمەتنى يۆگىگەن ئەدىيال، كۆرپىلەرمۇ پوققا مىلىنىپ كەتكەن، ھەتتا ئەزىمەتنىڭ بەدىنىمۇ پوق پۇراپ كەتكەن ئىدى . ياسىن ناۋاي بىر قولدا بۇرنىنى توسۇپ تۇرۇپ، خۇددى كىلىنى ئايپاشاخان قارىغاندەك تورۇسقا قاراپ تۇرۇپ ئاجايىپ بىر ئىشنى ئويلىدى. << غىچىرلايدىغان ھېلىقى بۆشۈك-كونا بۆشۈك- دادامدىن مىراس قالغان بۆشۈك، تارىخى مەدەنىيەتنى ئەسلىتىدىغان بۆشۈك. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماس كېلىدىغان بۆشۈك، قاراڭ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا،جاك- شۈمەكلىرىگە، ئۆلچەملىك قويۇلغان تاختاي ۋە دىيەكلىرىگە، ھەي، سەن نېمە ئۈچۈن غىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىڭ؟! بەلكىم غىچىرلىشىڭدىمۇ ئۆزگىچە بىر مەنا بولسا كېرەك- بىر مۇھىم مەنا. ئەنە قاراڭ، ئاۋۇ غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك ،ھەي غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك قانداق بولۇپ سەن نەۋرەم ئەزىمەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قالدىڭ.؟!... >>. ياسىن ناۋاي ھېلى لەۋلىرىنى كەمپۈت شورىغاندەك مىدىرلاتسا، ھېلى بىرىنى ئۇرىدىغاندەك بارماقلىرىنى تۈگۈپ، ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيانغا قارايتتى، ئاخىرى نەۋرىسى ئەزىمەتنى پوق پۇراپ تۇرغان بولسىمۇ باغرىغا چىڭ بېسىپ ئىتتىك قەدەم بىلەن تونۇر بېشىغا چىقىپ كەتتى.
|
|