ئىشچى- خىزمەتچىلەر پائالىيەت مەركىزى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى
زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت- تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى بېيىتىپ، ناھىيەنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بۇلۇش ئۈچۈن خوتەن ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر مەدىنىيەت- تەنھەرىكەت مەركىزى بۇ يىل 1- ئاينىڭ 15- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن خوتەن ناھىيەسىدە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت-تەنھەرىكەت، چېنىقىش ئورنى بولماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنجان ئىسلام تونۇشتۇرپ مۇنداق دىدى: بىز كۈندىلىك خىزمەت داۋامىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت – تەنھەركەت پائالىيەت مەركىزى قۇرۇپ بىرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىمىز پائال ئىزدىنىپ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردۇق. 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت ھەل قىلىپ 480 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش، تەنھەرىكەت زالى ۋە قىرائەتخانا تەييارلاپ، كېتەرلىك ئەسلەھەلەرنى سەپلەپ يۈرۈشلەشتۈردۇق. بۇ مەركەزدە تىك-تاك توپ، بىليارت، ئۇنۋېرسال چېنىقىش جاھازىسى، چېنىقىش ۋەلىسپىتى، يۈگۈرۈش ماشىنىسى، شاھمات ئۈستىلى، چوڭ- كىچىك شىتانكا، كۆپ ۋاستىلىق تېلېۋىزور- كىنو كۆرۈش ئەسلەھەلىرى، 5 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتاپ-ژۇرناللار بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 70-80 ئادەم پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەش، تازىلىق ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئۆلچەم بويىچە سەپلەندى. بۇ مەركەزگە 3 نەپەر مەخسۇس خادىم قويۇلغان بولۇپ، دۈشەنبىدىن باشلاپ شەنبە كۈنىگىچە ھەپتىدە 6 كۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى كۈچ سائەت 6:30 دىن 9:30 غىچە ھەقسىز ئېچىلىدۇ. ھازىر ھەر كۈنى 20- 40 ئەتراپىدا ئادەم بۇ مەركەزگە كىلىپ چېنىقىش، شاھمات ئويناش ۋە كىتاپ ئوقۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پائالىيىتىنى بېيىتماقتا. بىز داۋاملىق تۈردە شارائىتنى ياخشىلاپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەرگە جەلپ قىلىمىز.
 

سۈرەتتە: ئىشچى خىزمەتچىلەر بۇ مەركەزدە پائالىيەت قىلماقتا.
يالقۇن سىراجىئەھمەت (خوتەن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتىن)
|