تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1206|ئىنكاس: 6

ئېرىم ئەخلەت توشۇش ئىشچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

56

تېما

4

دوست

819

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
258
مۇنبەر پۇلى
365
ئىشەنىچ
258
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 12:56:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرىم ئەخلەت توشۇش ئىشچىسى

(ھېكايە)


بوۋبىن.پاركېس(ئامېرىكا)

    يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنى ئىدى، ئىشىكنى يېنىك چەكتىم.
    -ياخشىمۇسىز، مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتاتتۇق...
    -كىرىڭلار، ئۆيدە كىچىك بالىلار بولغاندىكىن رەتلىك تۇرمايدىكەن،- دېدى ئۆي ئىگىسى ئايال جىددىيلىشىپ.
    -ھېچقىسى يوق، ئائىلەڭلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئۇچۇرنى ئىگىلىمەكچى.
    شۇ ئەسنادا ئۆيگە ئايالنىڭ ئېرى كىرىپ كەلدى.
    -جۇر، بۇلار بىزنىڭ ئولتۇراق رايوننى تەكشۇرۇش ئۈچۈن كەپتىكەن.
    مەن تۇرغان جايىمدا مىدىرلىماي ئەدەپ بىلەن جۇرغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم، جۇر ئېگىز بوي، ئۇرۇق ئادەم بولۇپ، قارىماققا يۈز تېرىلىرى قوپال كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىككى قولىدىن ئېغىر ئەمگەك قىلىدىغانلىقى بىلىنەتتى.
    ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنىڭ بىر – بىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
    -جۇر مېنىڭ ئېرىم، مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا ئەخلەت توشۇش ئىشچىسى، ئۇ ھەمىشە ماشىنىسىغا ئەخلەتنى باشقىلاردىن كۆپ باسىدۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ماشىنىسىغا ئەخلەتنى كۆپ باسسا، باشقا ئەخلەت توشۇش ئىشچىلىرىنىڭ يۈكى يەڭگىللەيدىكەن، ئايال قىزغىن كەيپىياتتا ئېرىنى تونۇشتۇردى.
    جۇر خوتۇنىنىڭ گېپىگە ئۇلاپ:
    -بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئەخلەت توشۇش چىقىمىنى تېجەشكە ۋە ئەخلەت توشۇش ئىشچىلىرىنىڭ كۆپرەك دەم ئېلىۋېلىشىغا ئازراق ياردەم قىلدىم شۇ، -دېدى.
    جۇرنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق. مەن ئىختىيارسىز بېشىمىنى لىڭشىتىپ، بۇ پاك قەلبكە، بۇ ئالىيجاناپ ئىنسانغا تىكىلىپ قارىغىنىمچە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم.
    -بۇ خىزمەتنى ئىشلىمەك ئىنتايىن تەس بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن جاپالىق. سىزنىڭ بۇ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز مېنى تەسىرلەندۈردى،- دېدىم ھاياجېنىمنى باسالماي.
    -مەن ئېرىمدىن پەخىرلىنىمەن، مېنىڭچە، ھەر قانداق ئادەم ھالال ئەجرىدىن كەلگەن خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن ئىشلىيەلىگەندىلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ،- دېدى ئايال.
    -مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرساق خىزمەتكە قولايلىق بولىدىكەن، شۇڭا بىز بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق،- دېدى جۇر.
    بىز بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، تامغا ئېسىپ قويۇلغان ھېكمەتلىك سۆزلەر تۇرمۇشىمىزنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. مەن شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ خىزمەتنىڭ جۇرغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، دېدى ئايال قولىدىكى رامكىنى ماڭا كۆرسىتىپ.
    مەن رامكىدىكى قەغەزگە يېزىلغان سۆزلەرگە كۆز يۈگۈرتتۈم.
    ‹‹ئەگەر بىر ئادەم تازىلىق ئىشچىسى دەپ ئاتالغاندا، ئۇ كوچىلارنى شۇنداق ئەجىر سىڭدۈرۈپ تازىلىسۇنكى، ئاسمان – زېمىندىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ شۇ كوچىغا ئايىغى تەگكەندە، گويا ئاتاقلىق رەسسامنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىجادىيەتلىرىدىن، بېتخۇۋىننىڭ رومانتىك ھېسلارغا باي مۇڭلۇق كۈيلىرىدىن ياكى شېكىسپېرنىڭ تەڭداشسىز لىرىكىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، بۇ كوچىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالسۇن›› دەپ يېزىلغان ئىكەن.
    مېنىڭ سۆيىدىغىنىم بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى، چۈنكى ئۇ نېمىلا ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەستايىدىل قىلىدۇ، مەن ئەخلەتچى ئېرىمنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن! ئايال شۇنداق دېگىنىچە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان كۆزلىرىنى ئېرىگە تىكتى. شۇ دەقىقىدە، مەن جۇرنىڭ كۆز چاناقلىرىدا چاقناۋاتقان ياشلارنى كۆردۈم...
    ماھىرە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى

56

تېما

4

دوست

819

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
258
مۇنبەر پۇلى
365
ئىشەنىچ
258
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 18:07:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ئىنكاس يازمايسىلەر؟

39

تېما

1

دوست

539

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
144
مۇنبەر پۇلى
267
ئىشەنىچ
144
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 18:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭقىز يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 18:07
نىمىشقا ئىنكاس يازمايسىلەر؟

مانا مەن يېزىۋاتىمەنغۇ، ياخشى نەرسىلەرنى يوللاۋاتىسىز، ياخشى ئىنكاسلارنى يېزىۋاتىسىز، تەڭرىتاغ ئەپەندى مۇكاپاتلىسا بولاتتى سىزنى

28

تېما

0

دوست

494

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
79
مۇنبەر پۇلى
254
ئىشەنىچ
79
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 01:32:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭقىز ھېلىمۇ باركەن مۇنبەردە ھە

12

تېما

3

دوست

1592

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
741
مۇنبەر پۇلى
820
ئىشەنىچ
741
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 17:06:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 01:32
مۇڭقىز ھېلىمۇ باركەن مۇنبەردە ھە

مېھىرلىك قەلبلەردىن چىققان  مېھىرلىك  مۇھەببەت  ھەممىمىزگە ئۇلگە  بولغاي!

3

تېما

10

دوست

1190

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
822
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-16 23:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi..yizipsiz...yahxika.....ha

3

تېما

10

دوست

1190

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
822
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-17 00:20:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi.ahlatqini.ammimiz.yahxi.kurmiz..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:26, Processed in 0.132676 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش